تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئائىلىدە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى كۆرۈلسە، شىنجاڭ پىسخىك ساغلاملىق جەمئىيىتى سىزگە «يول كۆرسىتىدۇ»

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 20-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

   «ئۆيدە تۇرغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ھەربىر ئادەمدە ئاز-تولا پىسخىك ئىنكاس پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن: جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، تىت-تىت بولۇش قاتارلىقلار، بۇنداق بىئاراملىق ئالامەتلىرى مەسىلە ئەمەس، بەلكى نورمال دائىرىدىكى كەيپىيات داۋالغۇشى.» شىنجاڭ پىسخىك ساغلاملىق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى شۈ شياڭدۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇم مەزگىلىدە، يۇقۇمغا ئائىت تۈرلۈك ئۇچۇرلارغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرغاچقا، تەشۋىشلىنىمىز، تىت-تىت بولىمىز، كەيپىيات داۋالغۇشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيقۇسىزلىقمۇ كۆرۈلىدۇ.

    شۈ شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق پىسخىك ئىنكاسقا قارىتا، ئاۋۋال كەيپىياتىمىزنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، ئاندىن تۇرمۇش قانۇنىيىتىمىزنى تەدرىجىي تەڭشەپ، ۋاقتىدا تاماق يەپ، ئارام ئېلىپ، كىتاب كۆرۈش، مۇزىكا ئاڭلاش، شاھمات ئويناش، خەت يېزىشنى مەشىق قىلىش، مەززىلىك تائاملارنى ئېتىش قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرساق، بىرەر تۈرلۈك يېڭى ماھارەت ئۆگەنسەكمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىيشىن، تور، تېلېفون ئارقىلىق دوستلىرىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىدىن پايدىلىنىپ بېسىمنى ئۈزلۈكسىز يەڭگىللەتسەك، تۈگەتسەك بولىدۇ.

    «بىز يەنە مۇۋاپىق پەيتتە دىققىتىمىزنى يۆتكەپ، تەشۋىشنى پەسەيتىدىغان نەپەس ئېلىش ۋە چوڭقۇر خىيال سۈرۈش ئۇسۇلىنى سىناپ باقساق بولىدۇ، ئەگەر شۇ تاپتا سىز ئىنتايىن تەشۋىشلەنسىڭىز، يار-يۆلەكسىز قالغاندەك تۇيغۇدا بولسىڭىز، قورقۇش ھېس قىلسىڭىز، 3-5 مىنۇت تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ: يۆلەنچۈكى بار جاينى تېپىپ، راھەت، ئازادە ئولتۇرۇڭ، ئاندىن ناخشا تېكىستى بولمىغان، رىتىمى ئاستاراق مۇزىكىنى تاللاپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ، مۇزىكىغا ئەگىشىپ، نەپىسىڭىزنى ئاستا-ئاستا تەڭشەڭ، ھەر بىر قېتىملىق تىنىش ۋە نەپەس ئېلىشنى ھېس قىلىپ، ئىككى پۇتىڭىز بىلەن يەرگە دەسسىگەندىكى ھېسسىياتنى ھېس قىلىڭ، تاكى ئۆزىڭىزنى پۈتۈنلەي ئەركىن قويۇۋېتىپ، نەپەس ئېلىشىڭىزنى مۇقىملاشتۇرغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇڭ» دېدى شۈ شياڭدۇڭ.

   شۈ شياڭدۇڭ يەنە مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۈندىلىك «تۇرمۇش پەيتلىرى»نى خاتىرىلەپ ماڭساق بولىدۇ. گەرچە پەۋقۇلئاددە مەزگىل بولسىمۇ، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا يەنىلا ئىللىق، گۈزەل پەيتلەر، مىننەتدار بولۇشقا ئەرزىگۈدەك پەيتلەر بولىدۇ. بۇ دەقىقىلەرنى خاتىرىلەپ قويۇڭ، مەسىلەن، بىر ۋاق مەززىلىك تائام، دېرىزە سىرتىدىكى قۇياش نۇرى، خىزمەتداشلارنىڭ ئىلھامى، ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ياردىمى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىگە يازغىلى ياكى جەمئىيەت ئالاقە سۇپىسىغا خاتىرىلىگىلى بولىدۇ.

   «بۇ يازمىلار بىزنىڭ تۇرمۇشنىڭ ئاكتىپ، ئىجابىي قىسمىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ، كەلگۈسىدىمۇ قىممەتلىك ئەسلىمە بولۇپ قالىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرغاندا شەخسنىڭ ئىرادە پەزىلىتىنى كۈچەيتىپ، پىسخىكا ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىكەن» دېدى شۈ شياڭدۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى