تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كېسەللىك رايونىدا، ۋۇخەنگە ياردەم بەرگەن ئۈچ سېسترالار باشلىقىنىڭ سىيماسى يەنە كۆرۈندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ): ۋۇخەنگە ياردەمگە بېرىپ ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، رېن خۇڭيىڭ، لى يۈەنيۈەن، ۋاڭ لىشيا يەنە ئوخشاش بىر قارارنى چىقاردى: جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى يېزىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالىدى.

  شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى جۇڭيى دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللەر ئۈچىنچى بۆلۈمى 2-گۇرۇپپىسىنىڭ سېسترالار باشلىقى رېن خۇڭيىڭ، تۆتىنچى يۈرەك ئىچكى بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى لى يۈەنيۈەن ۋە ئوپېراتسىيە، ناركوز بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن سېسترالار باشلىقى ۋاڭ لىشيانى سېسترالار «تۆمۈر ئۈچ بۇرجەك» دەپ ئاتايدۇ، 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جەڭگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كەلگەندىن بۇيان، ئۈچەيلەن بىرلىكتە ھەمكارلاشتى، ھازىرغىچە ئۇلار ھالىدىن خەۋەر ئالغان ئاغرىقتىن بەشى دوختۇرخانىدىن چىقتى.

كېسەللىك رايونىدا، سېسترالار ئاغرىقلارنى يېتەكلەپ بادۇەنجىن ئوينىماقتا.

  «ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش كەچۈرمىشى بىزنى <ھايات-مامات>لىق دوستلارغا ئايلاندۇردى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى قانداق قىلغاندا ئىشنى ھەم تېز، ھەم ياخشى قىلغىلى، ئاغرىقلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغىلى بولىدىغانلىقىنىلا ئويلايدۇ، بىز كۈچنى بىر يەرگە قاراتقاچقا، ئىشلىگەنسېرى ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتىدۇ» دېدى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا 4-بىنا 8-كېسەللىك رايونىنىڭ سېسترالار باشلىقى لى يۈەنيۈەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كەلگەن كۈنى، 1-كېسەللىك رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى تاماملانغاندا چۈشتىن كېيىن سائەت 8:00 بولغان ئىدى، يۇقىرىنىڭ تەلىپى بويىچە بىر گۇرۇپپا ئادەم بۇيرۇق كۈتتى، شۇ كۈنى كەچتىن باشلاپ ئاغرىقلار قوبۇل قىلىنىشقا باشلىدى.

  «ئۈچ سېسترالار باشلىقىنىڭ ھەممىسى قېلىپ ئىشلىمەكچى بولدى، ئاخىرىدا رېن خۇڭيىڭ ئۆزىنىڭ بەردەم ئىكەنلىكىنى، تۇنجى ئاخشىمى ئۆزى ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىراق قالغان ئىككى سېسترالار باشلىقىمۇ يېرىم كېچىگىچە ياردەملىشىپ ئاندىن قايتتى، ئۇلارنىڭ يېشى بىزنىڭكىدىن چوڭ تۇرۇپمۇ شۇنچە تىرىشىۋاتقان يەردە، بىز تېخىمۇ تىرىشمىساق بولمايدۇ» دېدى سېسترا ۋاڭ چۈنيۇەن.

  ئۈچ سېسترالار باشلىقنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى بار ئىدى، ھەم بىر-بىرىنىڭكىنى تولۇقلايتتى، «ئۇ ئىككىسى كېسەللىك رايونىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە مەسئۇل، مەن ئاساسلىقى دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە مەسئۇل. بىز ئېلىپ كەلگەن سېسترالارنىڭ كۆپ قىسمى ۋۇخەنگە بارمىغان، دەسلەپتە ئاغرىقلارنى قوبۇل قىلغاندا، مۇداپىئە كىيمىنى كىيىش-سېلىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىدىكى ھەربىر ئىنچىكە نۇقتىلارغا قاراپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى، بىز ۋۇخەندە ئىجرا قىلغان ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇداپىئە ئۆلچىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، چاتاق چىقماسلىققا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى ۋاڭ لىشيا.

  سېسترالار ئۆزئارا مۇنداق پىچىرلىشىدۇ: ئۈچ سېسترالار باشلىقى ئادەتتە بەكلا چىقىشقاق، ئەمما كېسەللىك رايونىغا كىرىش ئۈچۈن مۇداپىئە كىيمىنى كىيگەندە بەك «يامان» بولۇپ كېتىدۇ. «سېسترالارنىڭ خىزمىتى بەك جاپالىق، ئەگەر مۇداپىئە جايىدا بولمىسا، ئازراقلا بوشاشتۇرۇپ قويساق مەسىلە چىقىدۇ، بىز بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى لى يۈەنيۈەن.

  ئۈچ سېسترالار باشلىقى ئائىلە باشلىقىغا ئوخشايتتى، سېسترالار ياتىقىغا قايتقاندا، مېۋىلەر يۇيۇپ تەييار قىلىپ قويۇلغان بولۇپ، ئېلىپ يېسىلا بۇلاتتى؛ دوختۇرخانىدا تەييارلاپ قويۇلغان ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان جۇڭيى دورىسىنى سېسترالار باشلىقى گۇرۇپپا باشلىقىغا ئىسسىق سۇدا ئىللىتىپ قويۇشنى تاپىلايتتى، بۇنداق بولغاندا سېسترالار ئىشتىن چۈشۈپلا ئىچسە بولاتتى. «بىزنى كۆرسىلا مېۋىنى يىگەن-يىمىگەنلىكىمىزنى، جۇڭيى دورىسىنى ئىچكەن-ئىچمىگەنلىكىمىزنى، بىئارام بولغان-بولمىغانلىقىمىزنى سورايدۇ، بۇ ھازىر شەرتلىك رېفلېكس بولۇپ قالدى، ئۇلارنى كۆرسەكلا ئۆزلۈكىمىزدىن يىدۇق، ئىچتۇق، ياخشى تۇرۇۋاتىمىز، دەپ جاۋاب بېرىدىغان بولدۇق» دېدى سېسترا شۆ مىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

  بۇ ئۈچ سېسترالار باشلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سېسترالارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئاستىدا، ئىككى كېسەللىك رايونىدىكى بەش ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، رېن خۇڭيىڭنىڭ دېيىشىچە، ئۆزلىرىنىڭ سېسترالارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدىن باشقا يەنە، ئاغرىقلارنىڭ ئۈمىدۋارلىقى ۋە قەيسەرلىكى سېسترالارنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ