تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«ئائىلە ئىگىلىكى»دىن قايتا يارىتىلغان سودا ئەندىزىسى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ خەۋىرى): يۇقۇم ئالدىدا، ھەممە ئادەم مۇداپىئە سېپىدۇر. شەھەر «ۋاقىتلىق توختاش كۇنۇپكىسى»نى باسقاندىن كېيىن، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيدە ئولتۇرغاچقا، نۇرغۇن ئىستېمال ئېھتىياجى تور سىرتىدىن تورغا يۆتكەلدى. مۇخبىر زىيارەت قىلىش جەريانىدا، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن تىجارەتچىلەرنىڭ تۈرلۈك ئاماللار بىلەن توردا كۈچ چىقىرىپ، بىر تۈركۈم «ئائىلە ئىگىلىكى»دىن قايتا يارىتىلغان سودا ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى بايقىدى.

تور دەرسخانىسى ئۈرۈمچىنىڭ ئائىلە مۇلازىمىتى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

48 ياشلىق دۇ لەنمېي تۇغۇت پەرۋىشكارى بولۇپ، ئۆيىدە تۇرغان كۈنلەردە، ئۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ «ئېنىرگىيە تولۇقلىدى».

«ھەر كۈنى يېرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ دەرس ئوقۇپ، ئۆگىنىش قىلىمەن» دېدى دۇ لەنمېي. ئۇ تور دەرسى سىستېمىسى ئارقىلىق ئانا-بالىلار پەرۋىشى، ئانا-بالىلار ئوزۇقلۇقى، بالىلارنىڭ تال ۋە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ ئۇۋۇلاش قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆگەندى.

بۇ مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرى خاۋپېڭيوۋ ئائىلە مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى يولغا قويغان تور ئائىلە مۇلازىمىتى دەرسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپىدە ئۆگىنىش دولقۇنى قوزغىدى.

«ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپىنى چۆرىدەپ، بىز 14 خىل دەرسلىكنى يولغا قويدۇق» خاۋپېڭيوۋ ئائىلە مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۈ مېيجى مۇنداق دېدى: «ئانا-بالىلار، تازىلىق قىلىش، جايلاشتۇرۇش، چايچىلىق سەنئىتى قاتارلىق دەرسلەر بار، ھەر بىر پەندىن 30-20 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ، ھەر بىر سائەتتە 20 نەچچە مىنۇت دەرس ئۆتۈلىدۇ».

تور دەرسى ئېچىلغاندىن بۇيان، مۇشتەرى بولغان ئوقۇغۇچىلار كۈنسېرى كۆپەيدى. يۈ مېيجى ئانا-بالىلار پەرۋىشى، ئانا-بالىلار ئوزۇقلۇقى قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئالاھىدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى. «ئەسلىدە بۇ دەرسلەر تور سىرتىدا ئۆتۈلسە، ئارىلىق، ئادەم سانى، ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايتتى، لېكىن ھازىر توردا ئۆتۈلۈپ، قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ دائىرىسى كۆپەيدى» يۈ مېيجىنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرغۇن دەرسلەرگە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يەرلىك ئوقۇتقۇچىلارمۇ سىنغا ئېلىۋېتىپتۇ.

ھازىر، يۈ مېيجى «ئائىلە مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ مۇلازىمەت قىلىش ئۆلچىمى» دېگەن دەرسلىكنى سىنغا ئېلىۋاتقان بولۇپ، مەزمۇنى كارخانىنىڭ ئون نەچچە يىللىق تەرەققىياتىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ئاساس قىلغان. ئۇ بۇ دەرسلىك ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئائىلە مۇلازىمىتى خادىملىرىنى ئۆرنەك قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

مەھەللە كوللېكتىپ سېتىۋېلىشقا كۈچ چىقىرىپ، قاتلاممۇقاتلام تاللاپ ئۆمەك باشلىقى قوبۇل قىلدى

ئۆيدە تۇرغان كۈنلەردە، بەزىلەر «ئاشپەز»گە، بەزىلەر «دىكتور»غا ئايلاندى، يەنە بەزىلەر كەسىپنىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى تاپتى.

يېقىندا، مېيرى مېييې شەھەر قولايلىق دۇكىنىنىڭ مەھەللىگە ئۆمەك باشلىقى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، جوۋ خۇڭۋېننىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇنىڭ ئەنجۈ جەنۇبىي يولى ئەتراپىدا كىچىك ئوقۇش قوراللىرى دۇكىنى بار بولۇپ، سودىسى ئىزچىل ياخشى ئەمەس ئىدى. «مېنىڭ ئەمەلىي دۇكىنىم بار، بۇ بىر چوڭ ئەۋزەللىك، ئەگەر ئۆمەك باشلىقى بولالىسام، مەن ساتىدىغان تاۋارلار ئوقۇش قوراللىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ» جوۋ خۇڭۋېننىڭ زور ئىشەنچى بار ئىدى، ئۇ ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ خېرىدارلار توپىنى قانداق قوغداشنى پىلانلاپ بولدى.

يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، مېيرى مېييې شەھەر قولايلىق دۇكانلىرىنىڭ يېرىمى داۋاملىق تىجارەت قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ مېيرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: مەھەللە ئۆمەك باشلىقى قوبۇل قىلىش بىر خىل يېڭى سېتىش ئەندىزىسىگە تەۋە بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ، كىشىلەر توپىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش مەقسەت قىلىنغان.

مەھەللە ئۆمەك باشلىقىنىڭ بوش ۋاقتى بولۇشى، بەلگىلىك كۆلەمدىكى ئولتۇراق رايون توپى قۇرۇشى ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشى كېرەك، سېتىلىدىغان تاۋارلارنى مېيرى گۇرۇھى بىۋاسىتە تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆمەك باشلىقى بىۋاسىتە كۆرسىتىش، سىن قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك لىنىيە شەكلى ئارقىلىق مال سېتىشىنى قوللايدۇ.

نۆۋەتتە، مېيرى گۇرۇھى نەچچە يۈز كىشىلىك ئۆمەك باشلىقى قوبۇل قىلىش قايتما ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، قاتلاممۇقاتلام ئۆمەك باشلىقى نامزاتىنى تاللاپ بېكىتىۋاتىدۇ.

جاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: «ئۆمەك باشلىقى تور ئارقىلىق ساتقان تاۋارلار، قولايلىق دۇكانلاردىكى تاۋارلاردىن ئاز-تولا پەرقلىنىدۇ، توردىكى تاۋارلار ئائىلە بۇيۇملىرى، چوڭ ئورالمىلىق تاۋارلار قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە يەنە ئايرىم ئەشيا ئوبوروتى ئېچىپ، توردا زاكاز چۈشۈرگەن ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ».

توردىكى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئىستېمال ئېھتىياجى شىددەت بىلەن ئېشىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بەزى ئائىلىدىكى ئاھالىلەر تىرىشىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈپ، كىتاب ئوقۇش، رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىش، قىزىقىش يېتىلدۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە «مەشىق» قىلىپ، ئۆيدىكى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدار ئۆتكۈزدى، شۇنداقلا توردىكى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئىستېمالىنىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

8-ئاينىڭ 5-كۈنى، توردا بۇلۇت ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى باشلاندى، شۇ كۈنىلا 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

شىنجاڭ ليەنچۇاڭ ياڭگۇاڭ گۇرۇھى قارىمىقىدىكى SOHO KTV كۆڭۈل ئېچىش ماركىسى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانىدى، بۇ گۇرۇھنىڭ تىجارەت مەركىزىنىڭ باش نازارەتچىسى چېن رۇڭ ئۇلارنىڭ چۈەنمىن K گې يۇمشاق دېتالى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەۋھۇم ناخشا ئۆيى قۇرغانلىقىنى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى سائەت 16دىن 18گىچە قاتنىشىدىغانلىقىنى، پائالىيەتتە تىزىملىك تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

«بۇ يىل كۆڭۈل ئېچىش كەسپى نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، كارخانىلار تىپىنى ئۆزگەرتىش چارىسىنى ئىزدەۋاتىدۇ» چېن رۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللەشتىكى مەقسەت، ھەم كارخانىنىڭ توردىكى بىر قېتىملىق سىنىقى، ھەم ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى شەكلى ئارقىلىق، ئۆيدە تۇرۇۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرىنى خۇشال كەيپىياتقا ئىگە قىلىش».

يوۋشۇ كۇڭجيەن ئەمەلىي كىتابخانىسىمۇ «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ ئاممىۋى پاراۋانلىقى تور مىكرو دەرسى تەسىس قىلىپ، ھەر كۈنى ئوقۇرمەنلەرنى بىر كىتابتىن بەھرىمەن قىلىپ، كىتاب ھەۋەسكارلىرىنى بىرلىكتە ئوقۇشقا تەشكىللىدى. يوۋشۇ كۇڭجيەننىڭ مەسئۇلى چيۇ خۇي مۇنداق دېدى: «ئاۋازلىق كىتابتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەيپىياتىنى تەڭشەپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تۇرمۇشنى سۆيۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

توردىكى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالاقىدار كەسىپ سۇپىلىرىمۇ تەمىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيدىكى تۇرمۇشىنى بېيىتتى: قىسقا سىن سۇپىسى ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە جەمئىيەت ئالاقە ئىقتىدارىنى ئاشۇردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەخسۇس تېمىسى تەسىس قىلدى، ئۇزۇن سىن تور بېكىتى نۇرغۇن يېڭى تىياتىرلارنى تورغا چىقىرىپ، ئېتىبار بېرىش، كۆرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويدى... ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەزمۇنلارغا تايىنىپ، توردىكى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش كەسپى تەدرىجىي ھالدا ئابۇنىچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بەردى.

مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، يەنە نۇرغۇن يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى سىنلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىگە قورۇما قورۇشنى ئۆگەتكەن، يەنە مەدەنىيەت ئىجادىيەت كارخانىلىرى شەھەر ئاھالىلىرىگە رەسىم سىزىش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىقلارنى ئۆگەتكەن، شۇنداقلا بەزى مۇزىكا كۇلۇبلىرى گىتار چېلىش، قاپاق نەي چېلىشنى ئۆگەتكەن. قىسقىسى، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار يېڭى سودا ئەندىزىسىنى سىناق قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيدىكى تۇرمۇشىنى بېيىتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى