تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىسخىكا دوختۇرىنىڭ كەسپىي تەكلىپى: يۇقۇم ئۇچۇرىغا قايتا-قايتا دىققەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، بەزىلەر جىددىيلىشىش سەۋەبىدىن دائىم ئۆزىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ ياكى ھەمىشە بىر قەدەر پاسسىپ ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالغا قانداق پىسخىكىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى پىسخىكىلىق باھالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شيا يېلىڭنىڭ قارىشىچە، ئاۋامنىڭ يۇقۇم ئۇچۇرلىرىغا قايتا-قايتا دىققەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن، نوپۇزلۇق تارماقلار ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قەرەللىك دىققەت قىلىپ تۇرسا بولىدىكەن.

    8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن 20-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شيا يېلىڭ يۇقۇمنىڭ ئاۋامغا ئېلىپ كەلگەن پاسسىپ پىسخىكىلىق تەسىرىگە قارىتا، كەسپىي نۇقتىدىن تەكلىپ بەردى.

    شيا يېلىڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ يۈزبېرىشى ئاۋامغا بەزى پاسسىپ پىسخىكىلىق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى، ناچار كەيپىيات يىغىلىپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، فىزىئولوگىيە جەھەتتە نېرۋا ئىچكى ئاجراتما سىستېمىسى، نېرۋا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئالاقزادە بولۇش، نەپەس يېتىشمەسلىك، ماغدۇرسىزلىنىش، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، تەرلەش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. پىسخىكا جەھەتتىمۇ بىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەتتا كەيپىياتىنى كونترول قىلالماسلىق ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ.

    شيا يېلىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: يۇقۇم ئەھۋالىغا ئىلمىي قاراپ، زۆرۈر بولمىغان ئالاقزادىلىكنى ئازايتىش كېرەك. بىرىنچىدىن، جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى توغرا تونۇش كېرەك. خەتەر ئالدىدا جىددىيلىشىش ۋە تەشۋىشلىنىشنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال، بۇ، كىشىلەر خەتەرگە دۇچ كەلگەندە ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان ئىنكاس بولۇپ، كىشىلەرنىڭ خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش، خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ۋە خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق. ئۇنى چوقۇم تۈگىتىش ئەمەس، بەلكى قوبۇل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، 

    ئىككىنچى، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. ھازىرقى داۋالاش سەۋىيەمىزگە ئىشىنىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، يېقىندا ھەر كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىۋاتىدۇ ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارغا بولغان تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنىۋاتىدۇ، بىزنىڭ داۋالاش لايىھەمىز ۋە تېخنىكىمىز بىر قەدەر پىشىپ يېتىلگەن.

    ئۈچىنچى، زۆرۈر مۇداپىئەنى ياخشى قىلىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىپىگە ئەمەل قىلىش، پات-پات ھاۋا ئالماشتۇرۇش، قول يۇيۇش، ئۆي ئىچىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك. بۇنداق بولغاندا كېسەلنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

    تۆتىنچى، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇنىيەتلىك ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يېتەرلىك ئۇيقۇ ۋە ئوزۇقلۇققا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇۋاپىق چېنىقىپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك.

    بەشىنچى، يۇقۇم ئۇچۇرىغا ئىدراكىي دىققەت قىلىش كېرەك. نوپۇزلۇق تارماقلار ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا، شۇنداقلا كەسپىي ئاپپاراتلار ئېلان قىلغان ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تەدبىرلىرى ۋە نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر يازغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىگە قەرەللىك دىققەت قىلىش كېرەك. يۇقۇم ئۇچۇرلىرىغا قايتا-قايتا دىققەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەرگىز پىتنە-ئىغۋاغا ئاسانلىقچە ئىشەنمەسلىك، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىق كېرەك.

    ئالتىنچى، زۆرۈر تېپىلغاندا پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت سوراش كېرەك. ئېغىر تەشۋىشلىنىش ۋە خامۇشلۇق، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ قارا بېسىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، تور ياكى تېلېفون قاتارلىق يوللار ئارقىلىق كەسپىي پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى قوبۇل قىلىشنى تاللىسا، بىزمۇ چىن كۆڭلىمىزدىن كۆپچىلىك ئۈچۈن ياخشى پىسخىكىلىق مۇلازىمەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى