تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كېسەللىك رايونى دوختۇرى: ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دوختۇر-سېسترالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن): «بارلىق دوختۇر-سېسترالار تەڭ كۈچ چىقىرىپ، مەن بىلەن ئەڭ جاپالىق كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزدى...» 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 4-بىنا 9-كېسەللىك رايونىدىكى دوختۇر-سېسترالار ساقايغان ئاغرىقنىڭ دوختۇرخانىدىن ئايرىلىش ۋاقتىدىكى بىر پارچە رەھمەت خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

لى دالى خىزمەت ئۈستىدە.

  ئاغرىق سەللىمازا ساقايغاندىن كېيىن رەھمەت خېتى يازدى

  بۇ خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 6-دوختۇرخانا نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى لى دالى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى تەسىرلەندى. «بىز داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلاشقان بۇ ئاغرىقتىن ئىنتايىن تەسىرلەندۇق، شۇنداقلا ئاغرىقلارنىڭ بۇ مەيدان يۇقۇم ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز.» لى دالىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىققاندا، دوختۇر-سېسترالار بىلەن بىر-بىرىگە چوڭقۇر تەزىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرگەن.

  «بۇ قىز كېسەللىك رايونىغا يېڭى كەلگەندە يېنىك ئاغرىق ئىدى، لېكىن ئۇ ناھايىتى جىددىيلىشىپ، تەشۋىشلەندى، بىر قېتىم مەن كەچلىك ئىسمېنىدا كېسەللىك ئۆيلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈۋاتقاندا، ئۇنىڭ تۇيدۇرماستىن يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن قانداق بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى سورىدىم، ئۇ بېشىنى چايقاپ ‹ئۆزۈم يالغۇز قورقىۋاتىمەن› دېدى، مەن ئۇنىڭغا خاتىرجەم بولۇپ، داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلاشسىڭىز، تېزلا ساقىيىپ كېتىسىز، دەپ نەسىھەت قىلدىم. شۇ چاغدا ئۇنىڭ يان تېلېفونى توختىماي تىترەپ چىرىغى لىپىلدەپ يېنىپ تۇراتتى، ئۇ ماڭا بىر نەچچە دوستىنىڭ ئۇنىڭغا ۋىيشىن يوللاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا، قاراڭ، ھەممەيلەن سىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، بالدۇراق دوختۇرخانىدىن چىقىشىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ، سىزمۇ روھلۇق بولۇڭ. ئامال بار ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ دېدىم.» لى دالى مۇنداق دېدى: «مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ چىرايىدا ئازراق كۈلكە پەيدا بولۇپ، ئارقىدىنلا يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.»

  كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە، سېسترالار بۇ قىزچاقنىڭ ئەھۋالىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. «بۈگۈن نېمە يېگۈڭىز بار؟»، «جىددىيلەشمەڭ، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، كونترول قىلغىلى بولىدۇ.»، «بۈگۈن ئەھۋالدا ياخشىنىلىش بوپتۇ.»...دوختۇر-سېسترالارنىڭ كۆيۈمچانلىققا تولغان ھەر بىر ئېغىز سۆزى بۇ قىزچاقنىڭ تەشۋىشىنى پەسەيتتى، كەينىدىن ئۇنىڭ ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، ئاخىرى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان كۈننى كۈتۈۋالدى.

  «مەن بۇ خۇش خەۋەرنى ئۇنىڭغا ئېيتقاندا، ئۇنىڭ كۆزى بىردىنلا نۇرلىنىپ كەتتى، ئۇنىڭ كۆزىدىن تارىغان نۇر مېنىمۇ ھاياجانغا سالدى.» دېدى لى دالى.

  ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلشى دوختۇر-سېسترالارنىڭ ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى

  ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشى دوختۇر-سېسترالارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا خۇددى ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقىغا ئوخشاش، ئۇلارنى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىشەنچ بىلەن كېسەللىك رايونىنىڭ خىزمىتىگە ئاتلىنىشقا ئۈندەيدۇ. لى دالى تۇرۇشلۇق كېسەللىك رايونىدا 40 ئاغرىق بار بولۇپ، كېسەللىك رايونىدا بۇلغىنىش رايونى، ئارىلىق (بۇففېر) 1-رايونى، ئارىلىق 2-رايونى ۋە پاكىز رايون تەسىس قىلىنغان، بۇلغىنىش رايونىغا كىرگەندە، بارلىق دوختۇر-سېسترالار چوقۇم مۇداپىئە كىيىمى كىيىدۇ. لى دالى 9-كېسەللىك رايونىدا جەمئىي 16 دوختۇر بار ئىكەنلىكى، ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، 24 سائەت نۆۋەتلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەر قېتىم ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئالدى بىلەن ئىسمېنا ئالماشقان خىزمەتداشلىرى رەتلىگەن ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ. ئاندىن ھەربىر ئاغرىقنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرى، ئادەتتىكى ھالىتى، دورا ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرىدۇ.

  «ئەڭ جاپا تارتىدىغىنى يەنىلا سېسترالار، ئاغرىقلارغا تاماق يەتكۈزۈپ، تەكشۈرۈپ، پەرۋىش قىلىپ، كەيپىياتنى تەڭشەپ، ئاغرىقنىڭ ھاياتلىق ئالامەتلىرىگە ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ھەر قېتىم ئايرىش رايونىغا كىرگەندە ئاز دېگەندە تۆت سائەت ھايال بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا 7-6 سائەت تۇرىدىغان چاغلىرىمۇ بار، ئۇلار مۇداپىئە جابدۇقلىرى بىلەن ھەممە يېرىنى ئېتىپ تولىمۇ بىئارام بولۇپ كېتىدۇ، تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ بىئاراملىقىنى پەسەيتىدۇ، ئۇلارغا راستتىنلا ئىچىم ئاغرىيدۇ.» دېدى لى دالى، شۇڭا ھەر قېتىم ئايرىش كېسەللىك ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ھەمىشە سېسترالارغا ياردەملىشىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ خىزمەت مىقدارىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كېسەللىك رايونىدىكى كارىۋاتلارنىڭ بارغانسېرى بىكار بولۇشى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال

  «گەرچە شۇ قەدەر جاپالىق بولسىمۇ، ئاغرىقلار داۋالاشقا شۇنداق ياخشى ماسلاشتى، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.» دېدى لى دالى، كېسەللىك رايونىدا خىزمەت قىلغان بۇ مەزگىلدە، ئاغرىق بىلەن ئائىلە تەۋەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. «ھەر قېتىم خىزمەتنى شۇنداق جاپالىق ھېس قىلغان چاغلىرىمدا، ئاغرىقلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئۇرغان تېلېفونلارنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن، ياكى كۆز ئالدىمدىكى سۆيگۈگە تولغان مۇھەببەتنى ئويلىساملا، ئۆزۈمدە ئېنېرگىيەنىڭ تولۇپ تاشقانلىقىنى ھېس قىلىمەن. ھەر كۈنى ئوخشىمىغان كېسەللىك رايونىدىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارنى كۆرگىنىمىزدە، بۇ خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ۋە خۇشاللىق بىزگە تېخىمۇ زور كۈچ بېغىشلايدۇ.»

  لى دالى ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، كېسەللىك رايونىدىكى كارىۋاتلارنىڭ بارغانسېرى بىكار بولۇشىنى ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال، باشقا قىيىنچىلىقلار ھېچقانچە ئىش ئەمەس، دەپ قارايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى