تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى: ئامما ئەرز قىلغان، پاش قىلغان، ئاممىۋى پىكىر ئەھۋالى ئىنكاس قىلىنغان ۋە جەمئىيەتتە ئاشكارىلانغان باھا مەسىلىلىرى چىڭ كۆزلەندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 19-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بازار تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇڭ مېيۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۇ قېتىم يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، بىز ئاممىنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ باھاسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، شەھەر، رايون ئىككى دەرىجىلىك قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق ھالدا تۆت تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.»

  بىرىنچى، دەرھال قوبۇل قىلىپ دەرھال بېجىرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەرزىگە تېز ئىنكاس قايتۇردۇق. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، بازار ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىدىكى دەۋا تەلەپلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، ئامما نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا تېز، قولاي ھەل قىلىش يولى تەسىس قىلىپ، 12315 ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش قىزىق لىنىيەسى ۋە 12345 شەھەر باشلىقى مەخسۇس لىنىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇپا ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ ئەرزىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلدۇق. 7- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن ھازىرغىچە، 12315 ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش سۇپىسى باھاغا چېتىشلىق ئەرز قىلىش، پاش قىلىش يىپ ئۇچىدىن جەمئىي 1539نى قوبۇل قىلدى، بېجىرىلىش نىسبىتى %92كە يەتتى. 12345 شەھەر باشلىقى مەخسۇس لىنىيەسى باھاغا چېتىشلىق ئەرزدىن 342نى قوبۇل قىلدى، بېجىرىلىش نىسبىتى %98كە يەتتى.

  ئىككىنچى، قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. تەكشۈرۈپ كۆزىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تەھلىل قىلىپ، رەتلەپ، كۆكتات باھاسىنى نازارەت قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باھانى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق. 7-ئاينىڭ 17 ـ كۈنىدىن ھازىرغىچە، پۈتۈن شەھەردىكى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىلىرى جەمئىي 6193 ئادەم قېتىم قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىم ئاجرىتىپ، (بازار) سودا بازىرى، سودا ساراي (تاللا بازىرى)، يېمەك-ئىچمەك دۇكىنى ۋە كۆكتات (ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىك) دۇكىنى قاتارلىق بازار تىجارەت سۇبيېكتىدىن جەمئىي 13 مىڭ 951نى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىپ، توپ سېتىشتىن پارچە سېتىشقىچە بولغان پۈتۈن ھالقىدىكى باھانى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتتى.

  ئۈچىنچى، تېز تەكشۈرۈپ تېز بېجىرىپ، باھاغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەردۇق. «خەلق تۇرمۇشىدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىشقا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، شەھەر بويىچە بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مەمۇرىي يېتەكچىلىك، مەمۇرىي كېڭىشىش، ئەسكەرتىش، ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن جانلىق پايدىلىنىپ، تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىپ، سەمىمىي تىجارەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، باھاغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تېز جازالاپ، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىپ، قەتئىي يۇمشاق قوللۇق قىلمىدۇق. 7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن ھازىرغىچە جەمئىي 365 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق، باھا تۈرىدىكى 329 دېلونى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق، 146 دېلونى ئاخىرلاشتۇردۇق. تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىش، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەمۇرىي جازا بېرىپ، جەمئىي 520 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدۇق ۋە مۇسادىرە قىلدۇق، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق بازار تىجارەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قىلمىشلارغا كۈچلۈك زەربە بەردۇق.

  تۆتىنچى، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ باھا ھەرىكىتىنى ئاڭلىق قېلىپلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. «يېمەكلىك ساتقۇچىلارنىڭ ھەرىكەت ئۆلچىمى»نى تۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش بازىرى، سودا-ساراي ۋە كۆكتات دۇكىنى قاتارلىق ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، باھا ئۇچۇرلىرىنى توپلاش ۋە تەكشۈرۈپ كۆزىتىش بىلەن بىللە، كىم قانۇن ئىجرا قىلسا شۇ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىق قىلىش، ئاگاھلاندۇرۇش، ئەسكەرتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، بازار تىجارەتچىلىرىگە قانۇن-نىزام ۋە سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى قانۇن-نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا، بازار باھا ھەرىكىتىنى ئاڭلىق قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدۇق.

  «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئامما ئەرز قىلغان، پاش قىلغان، ئاممىۋى پىكىر ئەھۋالى ئىنكاس قىلىنغان ۋە جەمئىيەتتە ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، باھا قانۇنىنى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىگە ھەقىقىي جاۋاب قايتۇرىمىز. بۇ يەردە، كەڭ تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، سەمىمىيلىك بىلەن قانۇنلۇق تىجارەت قىلىپ، بازار باھا تەرتىپىنى قوغداپ، جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.» دېدى جۇڭ مېيۋېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى