تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، مۇلازىمەت رايونى قۇرۇلۇشى تاماملىنىۋاتىدۇ

تاماملىنىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۇزكۆل مۇلازىمەت رايونى.

G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار يۈەن يۆ، شى شياۋۋېي، لى ياڭ خەۋىرى، فوتوسى): G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى. نۆۋەتتە، مەركۇز تۈر قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تۇزكۆل مۇلازىمەت رايونى، شياۋساۋخۇ مۇلازىمەت رايونىنى بېزەش قۇرۇلۇشىنىڭ %90ىنى تاماملاپ بولدى.

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىرنىڭ G30 شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يول بۆلىكىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر تۈردە بۇ يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان، نۆۋەتتە، تۈر قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئېشىپ قالغان ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ يېپىق قۇرۇلۇش قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىچكىرى رايونلاردىكى زاۋۇتلاردىن تۈرلۈك قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى زاكاز قىلىپ، مەخسۇس ئاپتوموبىلدا توشۇپ، ئۇدۇل قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئەكەلگەن. نۆۋەتتە ئالاقىدار قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تېخى يولدا كېلىۋاتقان بولۇپ، تۇزكۆل مۇلازىمەت رايونى، شياۋساۋخۇ مۇلازىمەت رايونىدا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى