شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جىڭ بو، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ سۇشېڭ خەۋىرى): «دادا، ئاپا، سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن چوڭ بولدۇم، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭلار.» 7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شىنجوۋ چېڭشى گۈللۈكى ئولتۇراق رايونىدا ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن سۇ شىڭئېر 16-قەۋەتنىڭ بالكونىدا تۇرغان ئاتا-ئانىسىغا قول پۇلاڭلىتىپ شۇنداق دېدى.
سۇ شىڭئېر ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سۇڭشەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى رۇڭنەن مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى بولۇپ، ئۈرۈمچىدە يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئىزچىل خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.
7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سۇ شىڭئېر مەھەللىنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ، ئاھالىلەرگە دورا سېتىۋېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى. يولدا، ئۇ ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېتىۋاتقان پىدائىيغا بىر «كاتتا» ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، «مەن ئۆيگە قايتمىغىلى يېرىم ئايدەك بولۇپ قاپتۇ، ئاپتوموبىل مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، بىردەم توختاپ تۇرسىڭىز، بىنا ئاستىدا تۇرۇپ دادام، ئاپاملار بىلەن سالاملىشىۋالسام.» بۇ گەپنى ئاڭلاپ، پىدائىي كۆڭلىدە ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىدى بولغاي، ئۈندىمەيلا ئۇنىڭغا ماقۇل بولدى.
ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، سۇ شىڭئېر ئاتا-ئانىسىغا ئالدىنئالا تېلېفون بېرىپ قويدى: «دادا، ئاپا مەن بىردەم تۇرۇپ بىزنىڭ بىنانىڭ ئاستىغا كېلىمەن، سىلەرنى كۆرگۈم كەلدى. مەن ئاق رەڭلىك مۇداپىئە كىيىمى كىيىۋالدىم.»
ئاپتوموبىل يول ياقىسىدا توختاپ بولغۇچە، سۇ شىڭئېر تەقەززالىق بىلەن ئاپتوموبىلدىن چۈشتى. بۇ چاغدا، 16-قەۋەتنىڭ بالكونىدا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپ تۇراتتى. ئارىلىق سەل يىراق بولغاچقا، گەپلەرنى ئېنىق ئاڭلىغىلى بولمايتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ سېغىنىش ھېسسىياتىنىڭ ھەممىسى قول پۇلاڭلىتىشقا مۇجەسسەملەنگەنىدى.
خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، كۆز ئەتراپى قىزىرىپ كەتكەن سۇ شىڭئېر ئىككى مىنۇتتەكلا تۇرۇپ يەنە ئاپتوموبىلغا چىقىپ، تېزلىكتە خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى.
1996-يىلى تۇغۇلغان سۇ شىڭئېر ئادەتتىكى كۈنلەردە ئاتا-ئانىسىنىڭ «ئەركە بالا»سى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى جەڭچىگە ئايلاندى.
سۇ شىڭئېر مەھەللىدە 41 ئاھالىنىڭ تۇرمۇش كاپالىتىگە مەسئۇل ئىدى. شۇ كۈنى، ئۇ ئاھالىلەرگە دورا سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىنا ئارىلىقىنى دېزىنفىكسىيەلەش قاتارلىق كۈندىلىك خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى؛ چۈشتە، تەقسىملەپ يەتكۈزىدىغان كۆكتاتلار ئاھالىلەر بىناسىغا يېتىپ كەلدى، ئۇ پىدائىيلار بىلەن بىللە ئۆيمۇئۆي بېرىپ ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزدى؛ چۈشتىن كېيىن، بىنادا ئاھالىلەر تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى ئىشىك ئالدىغا قويۇپ قويىدۇ، ئۇ يەنە پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ئەخلەتلەرنى بېكىتىلگەن ئەخلەت قويۇش ئورنىغا توشۇدى. بىر كۈن كەچكىچە ئاققان تەر ئۇنىڭ چاچلىرىنى نەملەشتۈرۈپ، كىيىملىرىنى ھۆل قىلىۋېتەتتى.
«مەن بىر ياش، بىر مەھەللە خىزمەتچىسى، شۇڭا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن.» دېدى سۇ شىڭئېر.