تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇم مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون شەخسلەر ۋە كارخانىلارنىڭ قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن قەرزى ۋە قايتۇرىدىغان ئىناۋەت قەرز پۇلىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن 95 مىليارد 18 مىليون يۈەن تەڭشىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما بېي خەۋىرى): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا، قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىپ، ئىناۋەت ئۇچۇرى ھوقۇق-مەنپەئەتى تەسىرگە ئۇچرىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

  8-ئاينىڭ 5-كۈنى، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، مەزكۇر بانكا باشقىچە پىكىرنى قوبۇل قىلىش يېشىل يولى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كىرىم مەنبەسىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ قالغان شەخسلەر ۋە كارخانىلارغا نىسبەتەن تەڭشەلگەندىن كېيىنكى قەرز قايتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دوكلات قىلىنغان ئىناۋەت ئۇچۇرى خاتىرىسى، دوكلات قىلىنغان قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن ئۇچۇرلارنى تەڭشەپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئۇچۇر سۇبيېكتىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرى ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

  8-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىناۋەتلىك قەرز تۈرىدىكى 151 ئاپپارات جەمئىي 801 مىڭ 300 قېتىم، چېتىلىدىغان سوممىسى 95 مىليارد 18 مىليون يۈەن بولغان ئىناۋەتلىك قەرز كەسپىي ئىشلىرىغا قارىتا قەرز قايتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى ياكى قەرەلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش خاتىرىسىنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇچۇر سۇبيېكىتلىرىنىڭ يۇقۇم قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈۋېلىشىنى كۈچلۈك ئىناۋەت ئۇچۇرى قوللىشى بىلەن تەمىنلىگەن.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئىناۋەت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تيەن يۈن مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلار ياكى ئايرىۋېتىلگەنلەر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان خىزمەتچى خادىملار ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كىرىم مەنبەسىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر توپى قاتارلىق تۆت خىل كىشىلەر توپىغا مۇناسىۋەتلىك قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن قەرز پۇل قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىك خاتىرىسىگە كىرگۈزۈپ يوللانمايدۇ، يوللىنىپ بولغانلىرى تەڭشىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن قەرەلى توشىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ئاز سوممىلىق قەرز پۇلغا قارىتا، بانكا كەسپى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى «ئۇزارتىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇزارتىش» تەلىپى بويىچە، بەلگىلىك مۇددەتتىكى كېچىكتۈرۈپ دىرىنى قايتۇرۇپ ئۆسۈمىنى تۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇشى بېرىدۇ. قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە تۆلەشكە تېگىشلىك ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ، جەرىمانە ئۆسۈمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  يۇقىرىدىكى شەرتكە ماس كېلىدىغان شەخسلەر ياكى كارخانىلار ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى باشقۇرۇش تەلىپىگە رىئايە قىلىشى كېرەك، تېلېفون ئارقىلىق ئىناۋەتلىك قەرز پۇل كەسپى بېجىرگەن ئاپپارات بىلەن ئالاقىلىشىپ، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەنلىك خاتىرىسى ياكى قەرز قايتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەشنى ئىلتىماس قىلسا ھەمدە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ، كەسىپ بېجىرگەن ئاپپارات ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، ئەھۋال راست بولسا، تەڭشەلگەندىن كېيىنكى قەرز قايتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرى خاتىرىسىنى يوللايدۇ، يوللىنىپ بولغانلىرى ئىناۋەت ئۇچۇرىدىكى خاتالىقنى تۈزىتىش تەرتىپى بويىچە تەڭشىلىدۇ.

  يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن، ئەمما كىرېدىت ئاپپاراتلىرى بېجىرىشنى رەت قىلغانلار تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى خەلق بانكىسىغا باشقىچە پىكىر ياكى ئەرز ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، شۇ جايدىكى خەلق بانكىسى ئالاقىدار كەسىپ بېجىرگەن ئاپپاراتنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشى ھەمدە بىرتەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرى ماس كېلىدىغان يوللارنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ ئىناۋەت ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلىسە بولىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ ئىناۋەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئالاقە تورىدا سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، خەلق بانكىسىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرى مەركىزى تور بېكىتى ۋە قۇرۇلۇش بانكىسى، سودا-سانائەت بانكىسى، سودىگەر چاقىرىش بانكىسى، جۇڭشىن بانكىسى، گۇاڭدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى تور بانكىسى ياكى يان تېلېفون APP دېتالىدىمۇ ئىناۋەت دوكلاتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى