تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   بالىلار ساغلاملىقى

ئۆيدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، بالىلار دائىم ئويۇن ئوينىسا قانداق قىلىش كېرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن): يېقىندا بالىلارنىڭ ئۆيدە تۇرىدىغان ۋاقتى كۆپەيدى، ئويۇن ئويناش ۋاقتىمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئويۇنغا خۇمار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. بۇنداق ئالاھىدە مەزگىلدە قانداق قىلىپ بالىلار بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ياخشى چوڭلار-بالىلار مۇناسىۋىتى ئورنىتىش كېرەك؟ شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى) بالىلار پىسخىكىسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچى جاڭ لى بۇنىڭغا ئامال كۆرسەتتى.

  جاڭ لى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىلار ئويۇنغا خۇمار بولۇپ قېلىشىغا يۈزلەنگەندە، ئالدى بىلەن، ئاتا-ئانىلار توختىماي كوتۇلداشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، بالىنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىپ بېقىشى، بالىنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقىي ئېھتىياجنى ھېس قىلىشى، بالىنىڭ تاشقى ھەرىكىتىدىن ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا بېسىم بار-يوقلۇقىنى بىلىشى كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئائىلە ئەزالىرى ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان پائالىيەت پىلانىنى بىرلىكتە تۈزسە بولىدۇ، پىلان تۈزۈش جەريانىدا، بالىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك، پىلان چوڭ ھەم قۇرۇق بولۇپ قالسا بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆيدىكىلەر بىرلىكتە قاتنىشىشى كېرەك. ياخشى چوڭلار-بالىلار مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار يان تېلېفوننى قويۇپ، بالىلارغا ياخشى ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  ئەگەر بالىنىڭ يۇقۇمدىن بۇرۇنلا تور بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولسا ھەمدە تۇرمۇش، ئۆگىنىشكە روشەن تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ئۇنداقتا كەسپىي دوختۇرلارغا بالىنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قالغان-قالمىغانلىقىنى باھالىتىپ باقسا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، كەسپىي دوختۇرلارنىڭ بىر نەرسە دېيىشىگە توغرا كېلىدۇ.

   ئوقۇغۇچىلاردا يەنە باشقا پىسخىكىلىق مەسىلە توغرىسىدا، شىنجاڭ روھىي ساغلاملىق مەركىزى(ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى)غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسى: 3016111

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى