تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدىكى تېببىي خادىملارغا غەمخورلۇق قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى،  8-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گاۋ خەن): 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆيكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1900دىن ئارتۇق تېببىي خادىم تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا كېچە-كۈندۈز جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىشنى خىزمەت، تۇرمۇش، تۇرالغۇ شارائىتى ۋە جىسمانىي، روھىي ساغلاملىق قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى زېڭ پىڭخۇانىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە ماددىي ئەشيا ئېھتىياجى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ «بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىش» تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلار مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن قەرەللىك ھال سوراپ، ئائىلە تەۋەلىرى ئوتتۇرىغا قويغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

تېببىي خادىملارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، بەلگىلەنگەن دوختۇرخانا تېببىي خادىملارنى مۇھىتى ئازادە، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق مېھمانخانا بىلەن تەمىنلەپ، ھەربىر تېببىي خادىمنىڭ ياخشى دەم ئېلىشىغا، تۇرمۇشىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، يەنە مەخسۇس خادىم ئاجرىتىپ، تېببىي خادىملار تۇرۇشلۇق جايدىكى مېھمانخانىدا مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل قىلدى، تېببىي خادىملارغا ۋاقتىدا مۇۋاپىق تاماق تەييارلاپ، ئوزۇقلۇقنى كۆپەيتتى ھەم بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.

تېببىي خادىملارنىڭ روھىي بېسىمى ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتىش جەھەتتە، شىنجاڭ يەنە ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردىن مۇتەخەسسىسلەرنى ئاجرىتىپ، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش كەسپىي ئەترىتى تەشكىللەپ، توردا ۋە تور سىرتىدا بىرگە بىر پىسخىكىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، تېلېفون، ۋېيشىندا مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، داۋالاش خادىملىرىنى پىسخىك ساغلاملىقى بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

تېببىي خادىملارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا داۋالاش، سەييارە كېسەل كۆرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، ھەر كۈنى مېھمانخانىغا بېرىپ، تېببىي خادىملارغا سەييارە دىياگنوز قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەمدە تېببىي خادىملارنى جۇڭيى دورىسى بىلەن تەمىنلەپ، قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ساغلام بەدەن ھالىتىنى ساقلاپ، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. 

زېڭ پىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەۋزەل كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 24 داۋالاش ئاپپاراتى، 32 داۋالاش ئەترىتىدىكى 1925 نەپەر تېببىي خادىمنى ئاجرىتىپ بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى