تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزاسى | ئابدۇللا ئەخەت: ئاھالىلەرنى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇەن شياۋلى خەۋىرى، فوتوسى): «ئابدۇللا، بىلىكىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟» «ھەدە، بۇ كىچىككىنە يارا، ھېچ ۋەقەسى يوق، داكىنىمۇ ئېلىۋەتتىم.» 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، تيەن مىڭنى ئاپتوموبىلغا كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، تيەن مىڭنىڭ خوتۇنى جيا شۇلەننىڭ سالىمىنى ئاڭلاپ، ئابدۇللا ئەخەت خۇشال ھالدا جاۋاب بەردى.

ئابدۇللا ئەخەت ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى داشياۋشىمىن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىخې كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى، شۇنداقلا سەككىز يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۇ ئاساسلىقى مەھەللىدىكى 2000دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ «ئارقا سەپ كاپالىتى»گە مەسئۇل بولۇپ، تۈرلۈك سىرتقا چىقىش ئېھتىياجى بارلارنى ئاپتوموبىل بىلەن ئاپىرىپ-ئەكەلدى.

بىلىكىدىكى داكا توغرىسىدا، تەۋەلىك رايونى چېڭگۇڭيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى 62 ياشلىق ئاھالە تيەن مىڭدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. تيەن مىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا بېرىپ دىئالىز قىلاتتى. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ۋەزىپىسى ئابدۇللاغا تاپشۇرۇلدى.

دوختۇر، ئابدۇللا ئەخەتنىڭ يارىلانغان بىلىكىنى تېڭىۋاتماقتا.

7-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 14تە، ئابدۇللا ئىلگىرىكىدەكلا تيەن مىڭ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى جيا شۇلەننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا داۋالاتقىلى ئاپاردى. دوختۇرخانا دەرۋازىسىدا مەخسۇس چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىدىغان يانتۇ يول بار بولۇپ، تيەن مىڭنى ئىتتىرىپ دۆڭگە چىقىۋاتقاندا، چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ ئالدى تەرىپى تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئېغىرلىق مەركىزى ئارقىغا چۈشتى. جىددىي پەيتتە، ئابدۇللا سول پۇتى بىلەن چاقلىق ئورۇندۇقنى تىرىۋالغان بولسىمۇ، توسۇۋالالماي،  يەنە ئوڭ پۇتى بىلەن تىرىۋالماقچى بولغاندا، چاقلىق ھارۋا بىلەن ئادەم تەڭلا ئۆرۈلۈپ، ئۇنى بېسىۋالدى، ئۇ ئوڭ بىلىكىنى كۈچەپ تىرىۋېلىپ چاقلىق ئورۇندۇقنى توسۇۋالدى، تيەن مىڭ ئامان قالدى، ئابدۇللانىڭ ئوڭ بىلىكى، ئوڭ پۇتى ۋە پېشانىسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۈرۈلۈپ يارىلاندى، بولۇپمۇ ئوڭ بىلىكىدىن قان ئېقىپ كەتتى.

«ئابدۇللا يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن خېلى ئۇزاققىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى، مەن ھەم مىننەتدار بولدۇم، ھەم ئىچىم ئاغرىدى.» 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، جيا شۇلەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئابدۇللانىڭ يارىلانغاندىن كېيىنمۇ ئىككىيلەننى دىئالىز ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن يارىسىنى تاڭغىلى بارغانلىقىنى، چۈشتىن كېيىن سائەت يەتتە يېرىمدا يەنە دەل ۋاقتىدا ئۇلارنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

جيا شۇلەن مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىنىڭ دىئالىز قىلىش ۋاقتى مۇقىم، چوقۇم چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن يەتتە يېرىمغىچە بولغان ئارىلىقتا بولۇپ، بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەر قېتىم دوختۇرخانىغا بارىدىغاندا، ئابدۇللا تيەن مىڭنى  كارىۋاتتىن كۆتۈرۈپ چاقلىق ئورۇندۇققا  ئولتۇرغۇزىدۇ، لىفىتتىن چۈشكەندىن كېيىن، يەنە كۆتۈرۈپ ماشىنىغا چىقىرىدۇ. ئابدۇللا ئىنتايىن قىزغىن ھەم مەسئۇلىيەتچان، ھەر قېتىم بىزنى تاماق ۋاقتىدا ئالغىلى كېلىدۇ، ئۇ بەزىدە تامىقىنىمۇ يېيەلمەيدۇ.

ئابدۇللا ئەخەت (كۆزئەينەك تاقىۋالغان كىشى) ياشانغان كىشىنى يۆلەپ ماشىنىغا چىقىرىشقا ياردەملەشمەكتە.

يارىلانغاندىن كېيىن، ئابدۇللا يەنىلا ھەر كۈنى ئاھالىلەرنى دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ئاپىرىپ-ئەكەلدى، ئاھالىلەرنىڭ تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشتى، بەزىدە يېرىم كېچىدە يەنە ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۈرۈمچىگە قايتقانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، «ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 15 قېتىم ئەتراپىدا بېرىپ-كېلىمەن.» ئابدۇللا شۇنداق دېدى.

ئابدۇللا تۈرلۈك توشۇش كاپالىتىگە مەسئۇل بولغاندىن سىرت، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە جۇڭچياۋ 3-كوچىسى 21-نومۇرلۇق قورۇدىكى 36 ئائىلىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئەخلەت تۆكۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، كۆكتات سېتىۋېلىش، كۆكتات يەتكۈزۈش، دورا سېتىۋىلىش... ھەر كۈنى ئالدىراش بولسىمۇ،  ئۇ ھەمىشە كۆپچىلىككە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، شىخې كوچىسى شىمالىي مەھەللىسىدە جەمئىي 13 قورۇ، 1076 ئائىلە، 2000دىن ئارتۇق ئاھالە بولۇپ، ئابدۇللاغا ئوخشاش بىرىنچى سەپتە مۇلازىمەت قىلىۋاتقان مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلار جەمئىي 80دىن ئارتۇق ئىكەن.

«مەھەللە كوللېكتىپىمىز ئابدۇللادىن ئۆگىنىپ، ئاھالىلەرنى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.» شىخې كوچىسى شىمالىي مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما چين شۇنداق دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ