تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

پىدائىي تو خۇڭمىڭ: مەنلا بولىدىكەنمەن، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى چوقۇم ياخشى بېجىرىپ بېرىمەن

تو خۇڭمىڭ تاۋۇز توشۇماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شياۋدەن خەۋىرى): «بەك ياخشى بولدى! يەيدىغان تاۋۇزىمىز بار بولدى! تو ئۇستامغا رەھمەت!» 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 12دە، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئايرودۇرۇم تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئايرودۇرۇم مەھەللىسى شىنيۈەن ئولتۇراق رايونى مۈلۈك ئىگىلىرى ئۈندىدار توپىدا، كۆپچىلىك تو خۇڭمىڭ يوللىغان تاۋۇزلارنىڭ سۈرىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولۇپ كەتتى. تو خۇڭمىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ كەينى ساندۇقىدىن تاۋۇزنى چۈشۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ نەچچە كۈندە ھاۋا ئىسسىپ كەتتى، ئاھالىلەر تاۋۇز يەيمىز دېگەنتى، دەرھال ئېلىپ كەلدىم.»

ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ئۆيىدە يۇقۇمغا قانچە كۈن تاقابىل تۇرغان بولسا، تو خۇڭمىڭ كۆپچىلىك ئۈچۈن شۇنچە كۈن خالىس مۇلازىمەت قىلدى. ھازىر ئولتۇراق رايوندىكى 200 نەچچە ئائىلىلىكنىڭ ھەممىسى تو خۇڭمىڭنىڭ «يۇقۇم تۈگىمىگىچە چېكىنمەيمەن!» دېگەن شۇئارىنى يادقا بىلىدۇ.

ئالدىراش بولۇپ كەتكەن تو خۇڭمىڭ: كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويسام بولمايدۇ

بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن تو خۇڭمىڭ ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر بىلەن كونا تونۇشلاردىن بولۇپ، 2009-يىلى يېقىن ئەتراپتا ئاشخانا ئاچقاندىن باشلاپ، ئىزچىل كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈپ كەلگەنىدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم تۇيۇقسىز يۈز بەرگەندە، تو خۇڭمىڭ پىدائىيلار كۈچىنىڭ تېخى تولۇق قوزغالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خوتۇنى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، مەھەللىگە پىدائىي بولۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، شىنيۈەن ئولتۇراق رايونى ئۈچۈن يېمەكلىك، ماددىي ئەشيا توشۇدى.

ھەر كۈنى سەھەر سائەت 3تە، تو خۇڭمىڭ كۆكتات توپ سېتىش بازىرىغا بېرىپ كۆكتات سېتىۋالىدۇ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆكتاتلارنى خالتىغا بۆلۈپ، ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، كەچلىك تاماق ۋاقتى كەچ سائەت 11دىن ئېشىپ كېتىدۇ.

«تو خۇڭمىڭ ھارماي ئىشلەيدۇ.» دېدى شىنيۈەن ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى ۋېن خۇيجۈەن.

كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ئاشلىق، ياغ، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەرتىپ بويىچە ئۈچ كۈندە بىر قېتىم سېتىۋالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مېۋە-چېۋە زاكاز قىلىش ئەڭ مۇرەككەپ بولۇپ، ھەر قېتىم دېگۈدەك يۈزدىن ئارتۇق ئائىلە مېۋە-چېۋە ئالىدۇ. تو خۇڭمىڭ مېۋە-چېۋىنىڭ تۈرى بويىچە يەشىكلەپ سېتىۋېلىپ، خوتۇنى ۋە قىزى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق تارازىدا جىڭلاپ، زاكاز بويىچە كۆپچىلىككە بىر خالتا، بىر خالتىدىن بۆلۈپ بېرىدۇ.

«بۇ كىچىك ئىشلار، كۆپچىلىكنىڭ مېۋە - چېۋە سېتىۋېلىشىغا ماقۇل بولغان ئىكەنمىز، چوقۇم سېتىۋېلىشىمىز كېرەك. تو خۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: «ئالاھىدە مەزگىلدە، ھەممە ئائىلە كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ئېلىپ كېلىشىمنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، بۇ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن، مەن كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويسام بولمايدۇ.»

ئولتۇراق رايوننىڭ ئاھالىسى جاڭ ۋېي تو خۇڭمىڭدىن ئىككى قېتىم نەرسە سېتىۋالغان. «تو ئۇستام ھەقىقەتەن ئاۋارىچىلىقتىن قورقمايدىغان ئادەم، ۋېيشىن توپىدا مەيلى قانچە كەچ بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، تو خۇڭمىڭدىن مال زاكاز قىلسا، ئۇ دەرھال جاۋاب قايتۇرىدۇ. مەيلى كۆكتات، مېۋە-چىۋە ياكى قېتىق بولسۇن، تو ئۇستام ئادەتتىكى باھادىن ئەرزان بېرىدۇ.» دېدى.

مىننەتدارلىققا تولغان تو خۇڭمىڭ: كۆپچىلىكنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ

تو خۇڭمىڭنىڭ خوتۇنى ياڭ شياۋيەنمۇ پىدائىي، مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ تو خۇڭمىڭ بىلەن بىللە كۆپچىلىككە مۇلازىمەت قىلدى. تو خۇڭمىڭنىڭ قارارىغا ئۇ «يۈزدەيۈز» قوشۇلدى ، چۈنكى «كۆپچىلىكنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قالسا بولمايدۇ.»

ياڭ شياۋيەن تاۋۇز توشۇماقتا.

تو خۇڭمىڭنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، 2009-يىلى ئاشخانا ئېچىلىشتىن بۇرۇن، ئۇ بۇ رايوندا ئىككى يىل تۇڭلۇق سۇ توشۇيدىغان سۇ ئىشچىسى بولغان. كېيىن ئەر-خوتۇن ئىككىسى بىر ئاشخانا ئېچىشنى قارار قىلغان.

«نۇرغۇن ئاھالىلەر مېنىڭ سۇ توشۇيدىغان خېرىدارىم، ئاشخانىغا دەسمايە يېتىشمىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، نۇرغۇن كىشىلەر 3000 يۈەن، 5000 يۈەندىن قەرز بەردى، ھەتتا قەرز ھۆججىتىنىمۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى، ماڭا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاشخانا ئېچىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، مەن پۇلنى قايتۇرۇپ بولدۇم، لېكىن بۇ مېھىر-شەپقەت مەڭگۈ قەلبىمدە.» دېدى تو خۇڭمىڭ.

«بۇ يىلنىڭ بېشىدا يۇقۇم كۆرۈلگەندە، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆيدە بىر ئايدىن كۆپرەك تۇردۇق، پىدائىيلار كۆپ ياردەم قىلدى. ئۇ چاغدا بىز، ئەگەر پۇرسەت بولسا، چوقۇم كۆپچىلىك ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلىغانىدۇق. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا بىزمۇ پىدائىي بولدۇق.» تو خۇڭمىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەنلا بولىدىكەنمەن، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى چوقۇم ياخشى بېجىرىپ بېرىمەن.»

تو خۇڭمىڭ ئەتكەن ناندىڭ لازىجىنى يېگىمىز كەلدى، يۇقۇم تۈگىسە چوقۇم بېرىپ يەيمىز.» دېدى ئاھالىلەر.

(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

قەلبىنۇر ھېزىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى