تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئەكبەر: بۇ شەھەرنى سۆيىمەن، بۇ شەھەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا، داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئەكبەر ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى تەشۋىق قىلماقتا.

   شىنخۇا تورى خەۋىرى: كۆپچىلىك، ئاڭلىق بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپى بويىچە، توپلىشىۋالماڭلار. ئەگەر بىئاراملىق ھېس قىلساڭلار، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللىگە مەلۇم قىلىڭلار...» قولىغا ئاۋاز كۈچەيتكۈچنى ئېلىۋالغان ئەكبەر ئەمەت ئۈرۈمچى شەھىرى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا ئۇيان-بۇيانغا مېڭىپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىنى توختىماي تەشۋىق قىلدى.

   بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن ئەكبەر شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى يېڭىئۆستەڭ يېزىسىدىن، ھازىر، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ كومپيۇتېر تور تېخنىكىسى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، داشۆ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىدى. 6-ئاينىڭ 3-كۈنى، مەكتەپنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئەكبەر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۇڭسەييۈەن مەھەللىسىدە بىر يىل پىراكتىكا قىلىدۇ.

   «مەن يېڭى كىرىپ، ئاساسلىقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدۇم، ھەر كۈنى تىجارەتچىلەرنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرىمەن.» ئويلىمىغان يەردىن، تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يۇقۇم ئەكبەرنى بىر پىراكتىكانت داشۆ ئوقۇغۇچىسىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇۋاتقان پىدائىيغا ئايلاندۇردى.

   بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 210 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىي «مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزۈش» يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلار ھەرىكىتىگە قاتناشتى، ئەكبەر شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

   «ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، مېنىڭ بۇ شەھەر ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلغۇم بار.» ئەكبەر ھەر كۈنى ئۆزى مۇلازىمەت قىلىدىغان 78 ئائىلىلىك ئاھالىگە مۇداپىئە بىلىملىرى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى تەشۋىق قىلدى. گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاھالىلەر ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدىكى ئېھتىياجلىق كۆكتات، دورا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەكبەر بىر-بىرلەپ يەتكۈزدى.

    بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئەكبەر مەخسۇس «ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇ ئاھالىلەر توپى» ۋېيشىن توپىنى قۇردى، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر ھەر كۈنى ئۆز ئېھتىياجىنى توپقا يوللايدۇ، كۈندە 100گە يېقىن زاكاز بولۇپ، ئەكبەر ھەمىشە ئامال تېپىپ تاماملايدۇ. ئون نەچچە كۈندىن بۇيان، خىزمەتتە ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بۇ داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئاھالىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

   «ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ‹يۇقۇم›غا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئالدىراش يۈرگەنلىكىنى كۆرگىنىمدە، ئىشىنىمەنكى، بۇ مەيدان يۇقۇم چوقۇم تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مېنىڭچە، يۇقۇم ئاھالىلەرنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشتۇردى، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە بولغاندىلا يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىنى ئاستا-ئاستا چۈشەندى.» سۆزىنى تۈگىتىپلا، ئەكبەر يېڭى كۆكتات قاچىلانغان سۇلياۋ خالتىنى ئېلىپ، تېز قەدەم بىلەن يەنە بىر ئائىلىگە قاراپ ماڭدى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا، داشۆ ئوقۇغۇچسى پىدائىي ئەكبەر سۇ ئىچمەكتە.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا، ئۆيىدە تۇرۇۋاتقان بىر ئاھالە داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئەكبەرگە باشمالتىقىنى چىقاردى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتتا، داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئەكبەر (ئوڭدا) خىزمەتدىشى بىلەن ئۆزئارا مەدەت بېرىشتى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا، ئۆيىگە قايتمىغىنىغا تۆت ئاي بولغان داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئەكبەر ئاتا-ئانىسىنى تىلغا ئېلىپ كۆزىگە ياش ئالدى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئەكبەر ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا ماڭماقتا.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا، داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئەكبەر مۇداپىيە كىيىمىنى سېلىپ سۇ ئىچمەكچى بولدى، ئۇنىڭ پېشانىسىدىن تەرلەر تامچىپ تۇراتتى.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا، داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئەكبەر (ئوڭدا) تاۋۇز كۆتۈرۈپ، ئاھالىلەرگە ئاپىرىپ بەرمەكچى بولدى.

8- ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا، داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئەكبەر «ئەرداۋان يولى 25-نومۇرلۇق قورۇ ئاھالىلەر توپى» ۋېيشىن توپىنى كۆرسەتمەكتە.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋۋەن يولى 25-نومۇرلۇق قورۇدا، داشۆ ئوقۇغۇچىسى پىدائىي ئەكبەر كۆكتات دۇكىنىدىن ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر توردا زاكاز قىلىپ سېتىۋالغان كۆكتاتلارنى ئالماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ گې فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ