تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئوخشاش بىر يۇقۇم مەنبەسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان

ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ گېن تەرتىپىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە

بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئوخشاش بىر يۇقۇم مەنبەسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن كېلىپ چىققان

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈي يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتىكى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ باسقۇچلۇق تەھلىلىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يۇقۇم يەككە مەنبەدىن كېلىپ چىققان: ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ گېن تەرتىپىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەكشۈرۈلگەن نۇرغۇن ئەۋرىشكىنىڭ گېن تەرتىپى ئوخشاش بولۇپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئوخشاش بىر يۇقۇم مەنبەسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

سۈي يەن مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى بىرىنچى ۋاقىتتا تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش تەجرىبىسى مول مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ئاپتونوم رايونىمىزغا خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز دەرھال ئاپتونوم رايون، شەھەر، رايون(ناھىيە) ئۈچ دەرىجىلىك تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش قوشۇنىنى بىرىكتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن مەھەللىلەرنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ ماسلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چوڭقۇر، ئىنچىكە بولغان تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تېز قانات يايدۇردى، بارلىق ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، ۋاقىت تەرتىپى خەرىتىسى ۋە مۇناسىۋەت خەرىتىسىنى سىزىپ، بىرمۇ ئادەمنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ھەرقانداق يىپ ئۇچىنى قويۇۋەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر كۈنلۈك تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ۋاقتىدا نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالاقىدار تارماقلار يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلارنى تېزدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ ئېنىقلاپ، ھەممىسىگە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى يولغا قويدى؛ يېقىندىن ئۇچراشقۇچىلار بىلەن ئۇچراشقان ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە قارىتا قاتتىق بولغان ئائىلىدە تۇرغۇزۇپ باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، ھەر كۈنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلدى؛ نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق مەيدان - سورۇنلارغا قارىتا تولۇقلاپ ئەۋرىشكە ئېلىپ كۆزىتىش - ئۆلچەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ مۇنداق ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار: بىرىنچى، «جىددىي»، ئالدىنقى مەزگىلدە ئەۋج ئېلىشى تېز، ئاغرىق مىسالىنىڭ كۆپىيىشى تېز بولدى، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە يۇقىرى پەللىگە چىققاندىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلىدى؛ ئىككىنچى، «توپلىنىش»، رايون دائىرىسى، ۋەقەدە بىرقەدەر كۈچلۈك توپلىنىش خاراكتېرى ئىپادىلەندى، ھازىرغا قەدەر %99.3 ئاغرىق مىسالى ئۈرۈمچىدە كۆرۈلدى؛ ئۈچىنچى، «يېنىك»، ئاغرىق مىساللىرى ئېغىر بولمىغان ئاغرىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن، يېنىك تىپتىكى ۋە ئادەتتىكى تىپتىكى ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى.

سۈي يەن شەھەر ئاھالىلىرىگە مۇنداق ئەسكەرتتى: تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، ئەينەن، تەپسىلىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئېھتىماللىقى بولغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە خەۋپ - خەتەر نۇقتىلىرىنى تېزدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇپ تىزگىنلەشنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. قىسمەن كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت ئىزى ۋە كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇش قىلمىشى ئۆزىنى داۋالاشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئىنتايىن پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى