شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، چاۋ جىن، جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى زېڭ پىڭخۇانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ دوختۇرخانىدا ھازىر تېببىي خادىملار، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى تولۇق بولۇپ، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلالايدىكەن.
يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، خىزمەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئىلمىي ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ قوللىشىدا، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار تەجرىبىلەر ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، دوختۇرخانىنىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەۋزەل كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلىدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 24 داۋالاش ئاپپاراتى، 32 داۋالاش ئەترىتىدىن ئاجرىتىلغان 1900دىن ئارتۇق تېببىي خادىم ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا ئورۇنلىشىپ قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
يۇقۇم تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى قاتارلىق 3 - دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى تېببىي خادىملارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، زاپاس ئەترەت تەشكىللىدى، نۆۋەتتە شەخسلەرنى مۇداپىئەلىنىش بويىچە تەربىيەلەش تاماملىنىپ، ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئۆلچىمى بويىچە قىسمەن ئۆزگەرتىش قىلىپ، «ئۈچ رايون، ئىككى يول» تەسىس قىلدى، ئەسلىدىكى قوبۇل قىلىپ داۋالاش كارىۋىتى ئاساسىدا كارىۋات سانىنى كۆپەيتىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلدى.
زېڭ پىڭخۇا مۇنداق دېدى: داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى كۆپ تەرەپنى ماسلاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىغا تىترەشنى توختىتىش - كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىدىن 22نى، ECMOدىن تۆتنى ھەمدە نەپەسلەندۈرۈش ئاپپاراتى، بۇرۇن ئارقىلىق يۇقىرى ئېقىملىق ئوكسىگېن سۈمۈرۈش ئۈسكۈنىسى، كارىۋات بېشىدا قان تازىلاش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى زاپاس سەپلەپ بېرىپ، ھازىرقى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى. نۆۋەتتە، بۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئەلىنىش كىيىمى، ئوپېراتسىيە كىيىمى، مۇداپىئەلىنىش ماسكىسى (N95)، تاشقى كېسەللىكلەر ماسكىسى، كۆز قوغداش ئەينىكى، بىر قېتىملىق يۈز قوغداش توسۇقى قاتارلىق مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيا تەييارلىقى تولۇق.