تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بار كۈچى بىلەن جۇڭيى دورىلىرىنى تەييارلاش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋىرى، شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا جۇڭيى دورىخانىسىنىڭ دورا قاينىتىش ئۆيىدە، جۇڭيى دورىگىرى ۋاڭ يىرۇي جۇڭيى دورىسى قايناتماقتا.

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ جۇڭيى دورىخانىسىدا، جۇڭيى دورىگىرى جاڭ پېڭگې جۇڭيى دورىسى تەڭشىمەكتە.

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ جۇڭيى دورىخانىسىدا جيۇ ماخۇاڭ، ئۆرۈك مېغىزى، فۇلىڭ... قاتارلىق ھەر خىل پۇراقلىق جۇڭيى دورىلىرىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ياخشى رېتسېپى تەييارلىنىۋاتاتتى.

سائەت 12دە، كېسەلخانا رايونىدىكى دوختۇر كومپيۇتېردا چۈشۈرۈپ بەرگەن «زاكاز»نى تاپشۇرۇۋېلىپ، تېز تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، مەسئۇل جۇڭيى دورىگىرى جاڭ پېڭگې بىلەن دورىگەر پەيزىلا قۇربان دورا تەڭشەشكە باشلىدى. دورىخانىدا دورىنى تەڭشەپ، دورا قاينىتىش ئۆيىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، چىلاش، قاينىتىش، بۆلۈپ قاچىلاش، ئوراپ قاچىلاش، بەلگە چاپلاش، دورىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۈچ سائەت ئىچىدە تەييار دورىلار ئىسسىق پېتى ئاغرىقلارنىڭ قولىغا يېتىپ بارىدۇ.

«پۈتكۈل جەرياندا ئىككى ئادەم سېلىشتۇرۇش تەرتىپى ئالتە قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئاغرىقلارنىڭ دەل جايىدا دورا ئىشلىتىشى، ئىچىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن.» جاڭ پېڭگې مۇنداق دېدى: دورا قاينىتىش ئۆيىدىكى ئالتە دورا قاينىتىش ماشىنىسى ئاساسەن ھەر كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ قايناپ، سائەت 23تە توختايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى جۇڭيى دورىلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، جۇڭيى تېبابىتى، جۇڭيى دورىلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا بۇ قېتىمقى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشتى، قاتنىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى.

«نۆۋەتتە، 400 خىلدىن ئارتۇق دورىنى سېتىۋېلىشتا شۇ كۈنى تالون چۈشۈرۈپ، شۇ كۈنى يەتكۈزۈپ، داۋالاش ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدۇق.» جاڭ پېڭگې مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭيى دورىخانىسى يەنە 300 خىلدىن ئارتۇق قاينىتىش ھاجەتسىز دانىچە جۇڭيى دورىسى تەييارلىدى، ئەگەر ئاغرىقلار دەرھال دورا ئىشلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولسا، بۇ دانچە دورىلارنى بەش مىنۇتتىلا تەڭشەپ بولغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ