تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە سىرداش كىچىك لابا ئورنىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى 1 - ئاۋغۇست تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ قومۇل غەربىي يولى مەھەللىسىدىكى 82 ياشلىق ئاھالە جۇ چياۋلىڭ ئۆيىدە يالغۇز قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئەزەلدىن تۇرمۇشتىن غەم قىلىپ باقمىدى. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇنىڭ بىر سىرداش كىچىك لاباسى بار ئىدى.

قاراڭ، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولاي دېگەندە، ئۇ يەنە ئاق رەڭلىك قۇتا ئۈستىدىكى قىزىل كۇنۇپكىنى باستى. ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئاۋاز كۈچەيتكۈچتىن ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر جاڭ چۇنخۇانىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى: «جۇ ھەدە، مەن ياردەم قىلغۇدەك نېمە ئىش بار؟»

«ماڭا ئىككى تال ۋاۋاسەي، بىر باغلام چىڭسەي ۋە بىر كىلوگىرام لازا سېتىۋېلىپ ئەكىرىپ بەرگەن بولسىڭىز!» دېدى جۇ چياۋلىڭ.

«بولىدۇ، ھازىرلا يەتكۈزۈپ بېرىمەن!» تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، جاڭ چۇنخۇا تېزلىكتە مەھەللىدىكى خەلققە قولاي كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا قاراپ ماڭدى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، قومۇل غەربىي يولى مەھەللىسىدىكى 165 مەھەللە پىدائىيسى تەۋەلىكتىكى ئون ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى، يېشى چوڭ قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارنى قانداق قىلغاندا «قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماي» دەل جايىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قومۇل غەربىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى چېن چياڭ بۇنىڭ چارىسىنى تاپتى.

«ئىلگىرى بىز قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا توك قوڭغۇراق ئورنىتىپ بەرگەن، ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجى چۈشكەندە باسسىلا مەھەللە قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتى. لېكىن ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجى زادى نېمە؟ جىددىي ئەھۋال بارمۇ - يوق؟ دېگەنلەرنى يەنە تېلېفون ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش ياكى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بىلىشكە توغرا كېلەتتى، مۇلازىمەت ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى» دېدى چېن چياڭ.

جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى مەخسۇس بۇيرۇتۇلغان كىچىك لابالىق چاقىرغۇچ باتارېيە زاۋۇتى نەنيۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى قارىغۇچىسى يوق 16 ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن مەھەللە مۇلازىمىتىنىڭ يوچۇقسىز جىپسىلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«قاراڭ، بۇ كىچىك قۇتىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارى بار!» جۇ چياۋلىڭنىڭ بارمىقىنىڭ توختىماي يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، ئاق رەڭلىك قۇتىدىكى قىزىل كۇنۇپكىلار نۆۋەت بىلەن يورۇشقا باشلىدى، بۇ، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغىنى، بۇ، رادىيو ئاڭلايدىغىنى، بۇ ئەڭ چوڭ كۇنۇپكا سىگنال بېرىش كۇنۇپكىسى، ئەگەر ئۆيدە يىقىلىپ چۈشسە ياكى باشقا كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا يولۇقسا، ئۇنى باسسىلا بولىدۇ!»

جۇ چياۋلىڭنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇۋاتقىنى ئۇنىڭغا تونۇش بولغان ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىرلا ئەمەس، قومۇل غەربىي يولى مەھەللىسىدە، يەنە 24 سائەت ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان بىر چوڭ ئېكران بار. «ياشانغانلار سىگنال بېرىش كۇنۇپكىسىنى باسسىلا، چوڭ ئېكراندا ياشانغانلار تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ تەپسىلىي ئورنى ھەمدە ئائىلىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى كۆرۈنىدۇ، بىز ياشانغانلارنى ھەم تېز، ھەم توغرا تاپالايمىز!» چېن چياڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى مەزگىلدە مەھەللە يەنە مېيىپلەر، تۇغۇش ئالدىدا تۇرغان ھامىلىدارلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا كىچىك لابالىق چاقىرغۇچ ئورنىتىپ بېرىپ، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ئىنچىكە ئىشلەيدۇ.

جاڭ چۇنخۇا ئەكېلىپ بەرگەن كۆكتاتلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، جۇ چياۋلىڭ قىزىل كۇنۇپكىنى يەنە باستى، رادىيو ئىستانسىسى ئاڭلاتقان ناخشىلار ياڭرىدى. موماي بىر تەرەپتىن غىڭشىپ ناخشا ئېيتقاچ، بىر تەرەپتىن مۇنداق دېدى: «سىرداش كىچىك لابا بولغاچقا، ئۆيدە ھېچنېمىدىن ئەندىشە قىلمايمەن!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ