تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈچ قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنى تاكسىنى ئالدىدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 19-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى قاتناش-تىرانسپورت مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى تونۇشتۇردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فاڭ يوڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە قاتناش-تىرانسپورت مۇلازىمەت كاپالىتىدىكى ئاساسلىق ئۈچ تەرەپنى تونۇشتۇردى:

بىرىنچىدىن، ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلار، ئۈرۈمچىگە قايتقانلار ۋە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ياخشى ئىشلەندى. ئۈرۈمچىگە كېلىدىغانلار، ئۈرۈمچىگە قايتقانلارغا نىسبەتەن، پويىزنىڭ ۋوگزالغا يېتىپ كېلىش ۋاقتى ۋە ئايروپىلاننىڭ ئايرودۇرۇمغا يېتىپ كېلىش ۋاقتىغا ئاساسەن، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسىلار يۆتكەپ ئەۋەتىلىپ، ئايرودۇرۇم، پويىز ئسىتانسىسى قاتارلىق ھەرقايسى نۇقتىلىق قاتناش تۈگۈنلىرىدە توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش قانات يايدۇرۇلدى. يولوچىلار ئايرودۇرۇمدىن، ۋوگزالدىن چىقىپلا ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى توختاش نۇقتىسىنى كۆرەلەيدۇ. ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارغا قارىتا، شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ساياھەت ئاپتوبۇسى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنى ئايرودۇرۇم، پويىز ئستانسىسىغا ئاپىرىشتىن ئىبارەت نۇقتىدىن نۇقتىغا  توشۇش مۇلازىمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدىغانلارنى تاكسىنى ئالدىدىن كېلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئالدىدىن كېلىشىش تېلېفون نومۇرى: 0991-4157183، 0991-4169105، 0991-4180657. ھازىرغىچە، جەمئىي 18 مىڭ 252 ئاپتوموبىل قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئىككىنچىدىن، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش مۇلازىمەت كاپالىتى ياخشى ئىشلەندى. «يېشىل يول» ھەقسىز، تېز يول يۈرۈش تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇلۇپ ھەل قىلىنىپ، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈم، بىخەتەر يول يۈرۈشى كاپالەتلەندۈرۈلدى. ھازىرغىچە، جەمئىي يۆتكەپ ئەۋەتىلگەن يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى 65 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئارتۇق بولۇپ، 2806 توننا ياغ، 50 مىڭ پوتولكا پۇقرالار ئىشلىتىدىغان نېفىت-خىمىيەلىك سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازى، 436 كۇبمېتىر داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇق ئوكسېگىن، 590 توننا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئەسلى سۇيۇقلۇقى، 857 توننا ھىدروگېن پېروكسېد ئېرىتمىسى، تەخمىنەن 140 مىڭ توننا ئېلېكتىر ئىستانسىسى كاپالەتلىك كۆمۈرى توشۇلدى.

ئۈچىنچىدىن، دوختۇر-سېسترالار، مەھەللە خادىملىرى، قۇرۇلۇش خادىملىرى ۋە يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيا بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى توشۇش مۇلازىمەت كاپالىتى ياخشى ئىشلەندى. ئالاقىدار خادىملارنىڭ بىرىنچى سەپتىكى ئىش ئورنىغا بىخەتەر يېتىپ بېرىشىغا، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ۋاقتىدا ھەرقايسى دوختۇرخانا، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش پونكىتلىرىغا يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. ھازىرغىچە، يۆتكەپ ئەۋەتىلگەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ساياھەت ئاپتوبۇسى جەمئىي 1279 ئاپتوموبىل قېتىم، توشۇلغانلار 21 مىڭ 100 ئادەم قېتىم، يۈك ئاپتوموبىللىرى توشىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى 219 ئاپتوموبىل قېتىم بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى