تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كېسەل رايونىدىكى ئاغرىقلار دوختۇر-سېسترالارغا ئەگىشىپ چېنىقتى

كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا

ياخشى كەيپىيات بولۇش كېرەك

مانا

مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن دوختۇر-سېسترالار

ئەپچىل چارە بىلەن

ھەم بەدەننى ساغلام قىلدى ھەم كەيپىياتنى ياخشىلىدى

بەك ياخشى بولدى

يېقىملىق مۇزىكىغا ئەگىشىپ

مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن دوختۇر-سېسترالار

ئاغرىقلارنى باشلاپ سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىدى

يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ ئۆپكىسىنىڭ نەپەسلىنىش ئىقتىدارى ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قۇتقۇزۇش-داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئاغرىقلارنى كۈندىلىك داۋالاش بىلەن بىللە، كۆپ خىل «ئۆپكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى»نى قانات يايدۇرغان.

دەسلەپتىكى سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نەپەس گىمناستىكىسىدىن

ھازىرقى سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكىغىچە

ئاندىن ئارقىسىدىن مەشىق قىلىدىغان تەيجى گۇمپىسىغىچە

ھەركۈنى سائەت 17دە

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىسىنىڭ

بەشىنچى بىنا ئۈچىنچى كېسەل رايوننىڭ كەيپىياتى

تولىمۇ ئازادە

كېسەل رايونىنىڭ سېسترا باشلىقى گو تىڭتىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاغرىقلار داۋالىنىدۇ

چۈشتە يېتەرلىك ئارام ئالىدۇ

چۈشتىن كېيىن زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان چاغدا بىللە نەپەسلىنىش گىمناستىكىسى ئېلىپ بارىدۇ

بۇ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق

8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، سېسترا باشلىقى ۋاڭ يەن ئاغرىقلارغا نەپەسلىنىش گىمناستىكىسى ئۆگەتمەكتە.

تونۇشتۇرۇلىشىچە

بۇ دوختۇرخانىنىڭ بەشىنچى بىنا ئۈچىنچى كېسەل رايونىدا

يىغىپ داۋالىغانلارنىڭ ھەممىسى

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان يېنىك تىپلىق، ئادەتتىكى تىپلىق ئاغرىقلار

ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار

دوختۇرخانا ۋۇخەننىڭ

ئاغرىقلارغا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە ئېلىپ بارغان مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋالاش تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ

تېببىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە

7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ

ئۇزۇن مۇددەت سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكىنى مەشىق قىلغان پەرۋىش خادىملىرىنى تاللاپ ئەۋەتىپ

كېسەل رايونىغا كىرگۈزۈپ

ئاغرىقلارنى باشلاپ كۈندە مەشىق قىلدى

ئاغرىقلار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى:

سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە مۇشۇنداق داۋالىغاندا سالامەتلىككە پايدىلىق بولغاندىن باشقا

يەنە

دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدىكى تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنىمۇ يېنىكلىتىدىكەن

ئۇلار خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى

8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا، دوختۇر-سېسترالار ئاغرىقلارغا پەللىنى ئۇۋۇلاش گىمناستىكىسىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرمەكتە.

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا بەشىنچى بىنا ئۈچىنچى كېسەل رايونىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى شۇ جەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا مەشىقى ئېلىپ بېرىش، نېرۋىنى تەڭشەش، قان ئايلىنىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقان ئاغرىقلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق، بۇ ۋۇخەن، بېيجىڭنىڭ كىلىنكىلىق ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلانغان».

ئىگىلىنىشىچە

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ

پەرۋىش كوللېكتىپى

نەپەسلىنىش بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالىغۇچى

جۇڭگو تېبابىتى تېخنىكا تايانچلىرى ھەمدە يۈرەك قان تومۇرى

ياشانغانلار ۋە ئېغىر كېسەللەر جەھەتتىكى مەخسۇس بۆلۈم سېستراسى قاتارلىق پەرۋىش تايانچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن

كېيىن

دوختۇرخانا يەنە مەخسۇس كۇرس ئەۋزەللىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ

نەپەسلىنىش گىمناستىكىسى، تەيجى گۇمپىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇلى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ

پەرۋىشنى كۆپخىللاشتۇرۇپ

ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ قوشۇمچە ياردىمى بىلەن

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىش نىشانىنى

بالدۇر ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن

غەيرەت قىلىڭ! سالامەتلىكىڭىزنىڭ بالدۇر ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشمىز

تىيانشان تورى ۋېيشىن سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى