تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

8-ئاينىڭ 4-كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 22 ئاغرىق مىسالى ئىچىدە، ئىككىسى مەھەللە ئىلغاپ تەكشۈرگەندە بايقالغان، 20سى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 19-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇي باۋلىڭ مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 22، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 13. يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرى داۋاملىق تۆۋەنلەۋاتىدۇ.

شۇ كۈنى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 10 بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بەش يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 0دىن 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 52 بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 42 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 24كىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 614؛ ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 120 بولغان.

رۇي باۋلىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشچانلىقى كۈچلۈك، تارقىلىش سۈرئىتى تېز، يۇشۇرۇن مەزگىلى ئۇزاق ئىكەن. پۈتۈن شەھەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى، گۇمانىي ئاغرىق مىسالى ۋە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى كۆرۈلگەن مەھەللىلەر، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلار ۋە نۇقتىلىق ئادەملەر توپى، خەتەرلىك، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ئادەملەر توپىغا قارىتا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى باشلىغان. تۈنۈگۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىساللىرىنىڭ ھەممىسى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىلغاپ تەكشۈرۈلگەنلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسىنى مەھەللە ئىلغاپ تەكشۈرگەن، 20سى مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىشنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار ئىكەن.

رۇي باۋلىڭ مۇنداق دېدى: «يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاغرىق مىساللىرىدا تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن، قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ. كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق چۈشىنىپ، قوللاپ، ماسلىشىپ، ئورتاق تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى