تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيا زاپىسى يېتەرلىك بولدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 19-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى(چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىدارىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى نىڭ مۇنداق دېدى: «يېڭىدىن يۇقۇم كۆرۈلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قوللىشىدا، بىز جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش، تەقسىملەش، تارقىتىش، زاپاس ساقلاشنىڭ جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندۇق».

    بىرىنچىدىن، تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئامبار زاپىسى يېتەرلىك بولدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، شەھەر بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئىسكىلاتتا ساقلىنىش ئەھۋالى رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ، سېتىۋېلىش يېشىل كارىدورى تېزدىن ئېچىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش، سىرتتىن سېتىۋېلىش، ئىئانە قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش ۋە ساقلاش كۆلىمى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىلدى. ھەر قايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى بىرتۇتاش تەقسىملەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى يىغىش، تەقسىملەشنىڭ كۈچلۈك، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. يىغىلغان تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرى، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتا-ئورۇنلىرىغا بىرتۇتاش تەقسىم قىلىپ بەردى. ھازىرغىچە تەكشۈرۈش سىناق دورىسى، مۇداپىئە بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، قۇتقۇزۇش-داۋالاش دورىلىرى، دېزىنفېكسىيە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق بەش چوڭ تۈردىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ زاپىسى يېتەرلىك بولدى.

    ئىككىنچىدىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش تەرتىپلىك بولدى. ماددىي ئەشيالارنى ئىنچىكە باشقۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ياخشى ئىشلىنىپ، شەھەر بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇلۇپ، ماددىي ئەشيا زاپىسى ھەرىكەت ھالىتىدە ئېدىتلىنىپ، ھەر كۈنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ماددىي ئەشيالار بىرىنچى سەپتىكى ئورۇنلارغا ئىلمىي يوسۇندا ۋاقتىدا تولۇقلاپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرلىك تېببىي دورا كارخانىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىشى ماسلاشتۇرۇلۇپ، بازارغا سېلىش سالمىقى سىجىل ئاشۇرۇلدى. نۆۋەتتە، شەھەر بويىچە 24 دورا پارچە سېتىش زەنجىرسىمان باش ئىشتابى، 1089 زەنجىرسىمان دۇكىنى، 62 دورا توپ سېتىش كارخانىسى نورمال تىجارەت قىلىۋاتىدۇ.

    ئۈچىنچىدىن، يەرلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلدى. شەھەر بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئالاقە تورى قۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، ئىسكىلات قالدۇقى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ تېگى-تەكتى ئېنىقلىنىش ئاساسىدا، ئىچكى قىسىمدا يوشۇرۇن كۈچ قېزىلىپ ئىشلەپچىقىرىش كېڭەيتىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ھازىر شەھەر بويىچە دېزىنفېكسىيەلەش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا 10غا، «84» دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 50 توننىغا، %75لىك دېزىنفېكسىيەلەش ئىسپىرتىنىڭ كۈندىلىك مەھسۇلات مىقدارى تەخمىنەن 10 توننىغا يەتتى. ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن ئۈچى بار بولۇپ، كۈنىگە 403 مىڭ ماسكا، 3100 قۇر ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىلدى.

    تۆتىنچىدىن، قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلدى. تەكشۈرۈش سىناق دورىسى، مۇداپىئە بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، قۇتقۇزۇش-داۋالاش دورىلىرى، دېزىنفېكسىيەلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، يىغىپ ساقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىش، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش يولغا قويۇلۇپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ تۆۋەن چېكى قاتتىق ساقلاندى. تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىق قىلىش، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ باھا ئۆستۈرۈش، باھانى ئۆستۈرۈۋېلىش، ساختا مال ياساش-سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە تۈرلۈك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، سۈپىتىگە، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

    لى نىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى كۆپ تەرەپتىن غەملەپ، زاپاس ساقلاش ۋە تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، ماددىي ئەشيالارنى تەقسىملەشنى راۋانلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ماددىي ئەشيالارنى ۋاقتىدا يۆتكەپ كىرگۈزۈپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە تارقىتىپ چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى