تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەھەللە ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا «بىر كۇنۇپكا بىلەن سىگنال بېرىش ئەسۋابى» ئورنىتىپ بەردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن فاڭتىڭ خەۋىرى، ۋاڭ جوۋ فوتوسى): يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى تەۋەلىكىدىكى يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار، ئاغرىق ئاھالىلەر ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكىلەرگە ھەمىشە قولايسىز بولۇپ قالدى، بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ يان تېلېفون ئىشلىتىشكە پىششىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى بىلىشكە ئامالسىز قالدى، قانداق قىلىش كېرەك؟ ھازىر غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇنىڭغا «بىر كۇنۇپكا بىلەن سىگنال بېرىش ئەسۋابى» ياردەم بېرىدۇ، مەسىلىگە يولۇققاندا ناھايىتى تېزلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  8-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرلار ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى قومۇل يولى باتارىيە زاۋۇتى جەنۇبىي قورۇسىدا مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا «بىر كۇنۇپكا بىلەن سىگنال بېرىش ئەسۋابى» ئورنىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «بىر كۇنۇپكا بىلەن سىگنال بېرىش ئەسۋابى» ئارقىلىق، بۇ ئالاھىدە كىشىلەر توپى مەھەللە كادىرلىرى بىلەن ئوڭايلا پىكىر ئالماشتۇرۇپلا قالماي، ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىكەن.

  «بۇ ئاق قۇتىغا بىر تېلېفون كارتىسى ئورنىتىلغان، ئۈچ تال كۇنۇپكىسى بار، بىر كۇنۇپكا بىلەنلا تېلېفون ئۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، بىرىنچى كۇنۇپكىنى بېسىپ مەھەللە كادىرلىرىغا تېلېغون قىلغىلى، ئىككىنچى كۇنۇپكىنى بېسىپ رادىيو ئاڭلىغىلى، ئۈچىنچى كۇنۇپكىنى بېسىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغىلى بولىدۇ، ئۇ يەنە < بىر كۇنۇپكا بىلەن سىگنال بېرىش ئەسۋابى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەھەللە تەۋەلىكىدىكى 10 ئولتۇراق رايوندا ئالاھىدە ئادەم توپى ئولتۇرۇشلۇق 64 ئائىلە بار بولۇپ، ھازىرغىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى توققۇز تال <بىر كۇنۇپكا بىلەن سىگنال بېرىش ئۈسكۈنىسى> قۇراشتۇرۇپ بولۇندى» دېدى سايباغ رايونى 1-ئاۋغۇست تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قومۇل غەربىي يولى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى دوۋ لىجۈەن تونۇشتۇرۇپ.

  81 ياشلىق جۇ چياۋلىڭ يالغۇز تۇرىدىغان ئاھالە بولۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە، پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغاچقا موماينىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەيتتى، مەھەللە ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن بىرىنچى تۈركۈمدىكى «بىر كۇنۇپكا بىلەن سىگنال بېرىش ئەسۋابى»نى جۇ چياۋلىڭنىڭ ئۆيىگە ئورنىتىپ بەردى. «باللىرىم ماڭا يان تېلېفون ئېلىپ بەرگەن، ئەمما مەن ئىشلىتىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. <بىر كۇنۇپكا بىلەن سىگنال بېرىش ئەسۋابى >نىڭ كۇنۇپكىسى چوڭكەن، ناھايىتى قولايلىقكەن، يەنە تېخى ئاۋازىنى تەڭشىگىلى بولىدىكەن، كۆكتات ياكى دورا سېتىۋالماقچى بولغاندا، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشەلەيدىكەنمىز، ئىش يوق چاغدا رادىيو ئاڭلىغىلى بولىدىكەن، مەھەللىگە كۆپ رەھمەت» دېدى جۇ چياۋلىڭ.

  «ئىلگىرى ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ پىكىر ئالماشتۇراتتۇق، بەزىدە خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدىن نۇرغۇن ئىشلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايتتى، كېيىن بۇ قۇرۇلمىنى ئورنىتىشنى ئويلاشتۇق، بۇنداق قىلغاندا، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ، يەنە ياشانغانلار ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ. <بىر كۇنۇپكا بىلەن سىگنال بېرىش ئەسۋابى >نى ئورنىتىش ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئىللىقلىق ۋە غەمخورلۇق ئاتا قىلدى» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 1-ئاۋغۇست تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قومۇل غەربىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى چېن چياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى