تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 2-تۈركۈمدە كۆكتات بولىقى تارقاتتى

ھەربىر ئائىلىگە 11.5 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى 11 خىل كۆكتات تارقىتىلىپ، 10 مىڭ 81 ئائىلىدىكى 13 مىڭ 416 كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنليەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرىدا، كۆكتات بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر كۆكتات بولاقلىرىنى تەيىارلىماقتا.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ لېي، چېن يەن خەۋىرى، فوتوسى): ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا 2-تۈركۈمدىكى كۆكتات بولىقىنى تارقىتىپ بەردى، ھەر بىر كۆكتات بولىقىدا ئېغىرلىقى 11.5 كىلوگرام كېلىدىغان 11 خىل كۆكتات بار بولۇپ، قىممىتى 50 يۈەن.

  كۆكتات بولىقى تارقىتىش ئوبيېكتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەت گىرۋىكىدىكى ئائىلىلەر ۋە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بولۇپ، 10 مىڭ 81 ئائىلىدىكى 13 مىڭ 416 كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

  شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى يۈ جىيوۋ مۇنداق دېدى: شەھەرلىك سودا ئىدارىسى مال مەنبەسىنى تەشكىللەيدۇ، شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى تارقىتىشنى تەشكىللەيدۇ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ سانى بويىچە، ھەر قايسى رايون، ناھىيە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تارقىتىپ بېرىدۇ، بىرىنچى ۋاقىتتا ھەر بىر قىيىنچىلىقى بار ئائىلىگە تارقىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، كېيىنكى باسقۇچتا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى داۋاملىق تۈردە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆكتات قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تارقىتىپ بېرىدۇ.

  مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر كېچىلەپ كۆكتات كىرگۈزۈپ تەقسىملىدى

  شىنليەن توپ سېتىش بازىرىدىكى شىنجاڭ يۈفېييۈ سودا چەكلىك شىركىتى بۇ قېتىم خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى سېتىۋالغان كۆكتاتلارنىڭ تەمىنلىگۈچى سودىگەرلىرىنىڭ بىرى.

  شىركەتنىڭ مەسئۇل خادىمى چياۋ شۇفەن مۇنداق دېدى: 8-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، كېچىلەپ مال مەنبەسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مال كىرگۈزۈشكە تەشكىللىدۇق، بۇ كۆكتاتلار مىدۇڭ رايونى، ئەنەنچۈ، كورلا قاتارلىق جايلاردىن كەلتۈرۈلدى.

  «ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، ئىشچىلار ھەر كۈنى كەچتە پەقەت ئىككى، ئۈچ سائەتلا ئۇخلايدۇ، بىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا كۆكتاتلارنى يېيەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» چياۋ شۇفەن شۇنداق دېدى.

  كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسى مەيدانغا تەق بولغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار تەلەپ بويىچە 11 خىل يەككە كۆكتاتنى ھەر بىر ئۈلۈشىنىڭ ئېغىرلىقىنى 11.5 كىلوگىرام قىلىپ، جەمئىي 7774 ئۈلۈشكە بۆلۈپ تەييارلىدى.

  8-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىر كۆكتاتلارنى تەقسىملەپ قاچىلاش نەق مەيدانىدا، تەخمىنەن 500 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان مەيداندا، لازا، شوخلا، چەيزە، سەۋزە قاتارلىق يېڭى كۆكتاتلارنىڭ دۆۋىلەنگەنلىكىنى كۆردى. ئون نەچچە ئىشچى ئاقما لىنىيە مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ، كۆكتات ئىلغاپ، قاچىلاپ، جىڭلاپ تىزدى. شىمىگۇ رايونى، مىدۇڭ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئاپتوموبىللارغا قاچىلاشقا مەسئۇل بولدى.

  بازاردىكى خىزمەتچى خادىم چېڭ چۇەنۋېي شۇ كۈنى سائەت 13لەردە كېلىپ كۆكتات تەقسىملەشكە ياردەملەشتى، بىر سۇلياۋ خالتىنى ئېلىپ تېز قەدەم بىلەن كۆكتات دۆۋىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ كۆكتاتلارنى قاچىلىدى، تەقسىملەپ بولغان كۆكتات بولىقىنى تازارىغا قويۇپ جىڭلىدى.

  «ئۈچ تال سۇڭپىياز، بەش دانە پىياز، بىر كاللەكبەسەي، ئالتە دانە شوخلا...» چېڭ چۇەنۋېي مۇنداق دېدى: كۆكتاتلارنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئېلىۋېتىمىز ياكى تاشلىۋېتىمىز، ھەر بىر بولاقتىكى كۆكتاتلارنىڭ ئىچىدە كونىراپ سېسىپ قالغان كۆكتاتنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

  چېڭ چۇەنۋېي بىر سائەتتە 40 بولاق كۆكتاتنى تەقسىملەپ، سۈپەت ۋە مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر شۇ كۈنىلا كۆكتات بولىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى

  شۇ كۈنى سائەت 17:00لەردە، مىدۇڭ رايونى سەنداۋبا بازىرى دۇجياجۇاڭ كەنتىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە لى گودۇڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنىتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى ئەكىلىپ بەرگەن كۆكتات بولىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

  «چەيزە، لازا، شوخلا، سۇەنتەيزە تۈرى كۆپ ھەم يېڭى كۆكتاتلار ئىكەن، بىز ئىككىمىزنىڭ بىر قانچە كۈن يېيىشىمىزگە يېتىدۇ.» لى گودۇڭ شۇنداق دېدى.

  لى گودۇڭ بۇ يىل 73 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 28 يىل ئىلگىرى قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغان، يەنە دىيابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاچقا، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاشلىق، ياغ سېتىۋېلىپ، دورا يەتكۈزۈپ بەردى.

  لى گودۇڭ مۇنداق دېدى: «بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قەلبىمىزنى ئىللىتتى.»

  خەيرىگۈل مەمەتتۇرسۇننىڭ ئۆيى شىمىگۇ رايونى شۈيموۋ 5-كوچىسىدا بولۇپ، ئېرىدىن ئاجراشقاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىككى قىزى بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى، شۇڭا ئۇنىڭ ئائىلىسى تۆۋەن كاپالەت گىرۋىكىدىكى ئائىلىگە ئايلاندى.

  چىفاڭ كوچىسى فېڭجىڭ مەھەللىسى خەلق ئىشلىرى مەخسۇس كادىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۇخۇم، سۈت، قوي گۆشى ۋە كۆكتات بولىقىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، خەيرىگۈل مەمەتتۇرسۇننىڭ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  خەيرىگۈل مەمەتتۇرسۇن مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاجىز توپنى ئويلاپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پۇلى تارقاتتى، يەنە كۆكتات ۋە گۆشلەرنى تارقىتىپ بەردى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدارمىز!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ