تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا: بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ ياخشى ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 18-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى زېڭ پىڭخۇا بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتىنى تونۇشتۇردى.

    زېڭ پىڭخۇا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بىرىنچى سەپتە ئىشلەۋاتقان تېببىي خادىملارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش شارائىتى، شۇنداقلا جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، تېببىي خادىملارنىڭ شەخسىي مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچەيتىش، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىغا بولغان ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى.
    زېڭ پىڭخۇا مۇنداق دېدى: ھەربىر تېببىي خادىمنىڭ ياخشى ئارام ئېلىشى، تۇرمۇشىنى ياخشى ئۈتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تېببىي خادىملار مەخسۇس مۇھىتى راھەت، مۇلازىمىتى ئەتراپلىق مېھمانخانىلار بىلەن تەمىنلىنىپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ ياخشى ئارام ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى. يەنە مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، تېببىي خادىملار تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىنىڭ مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل قىلىنىپ، تېببىي خادىملارنىڭ تامىقى ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئوزۇقلۇق مىقدارى ئاشۇرۇلدى ھەمدە بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ قىيىنچىلىقى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىندى.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايون ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردىن مۇتەخەسسىسلەرنى ئاجرىتىپ، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش كەسپىي ئەترىتى قۇرۇپ، توردا مەسلىھەت بېرىش، تور سىرتىدا بىرمۇبىر پىسخىكىلىق يېتەكلەش، تېلېفون، ۋېيشىندا مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تېببىي خادىملارنى پىسخىكا ساغلاملىقىدىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكا بېسىمى ۋە تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى يەڭگىللەتتى؛ تېببىي چارلاپ دىياگنوز قويۇش ئەترىتى قۇرۇپ، ھەركۈنى تېببىي خادىملار تۇرۇشلۇق مېھمانخانىغا بېرىپ چارلاپ دىياگنوز قويۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، شۇنداقلا تېببىي خادىملارغا جۇڭيى دورىسى بېرىپ، ئىممۇنېتىت كۈچىنى ئاشۇردى، باشتىن-ئاخىر تېببىي خادىملارنىڭ ساغلام بەدەن ھالىتىنى ساقلىغان ھالدا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.
    ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ «بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش» تەلىپىگە ئاساسەن، ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلار يەنە مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن قەرەللىك ئەھۋال سوراپ، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىغا قويغان قىيىنچىلىق ھەم مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى تېببىي خادىملارنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى ۋە زېھنى بىلەن يۇقۇمدىن قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىگە ئاتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    زېڭ پىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ھەرقايسى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەۋزەل كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 24 داۋالاش ئاپپاراتى، 32 داۋالاش ئەترىتىدىكى 1925 نەپەر تېببىي خادىمنى ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش-داۋالاش بويىچە بىكىتىلگەن دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى