تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ كۆۋرۈك سېلىپ، مېۋە-چېۋە، كۆكتات سېتىشتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ خەۋىرى): 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 7:30دە، لى يۈەنۋېي ۋە كوپىراتىپ ئەزالىرى، ياللانما ئىشچىلار مېۋە، كۆكتات ئۈزۈش بېغىغا كەلدى. ئۈزۈدىغان تۈرلۈك كۆكتات، قوغۇن-تاۋۇز، شاپتۇللار بار بولۇپ، ئارقىدىنلا ساندۇقلارغا قاچىلاپ، ئوراپ، ئاپتوموبىلغا بېسىلدى، بۇ خىل سۇ ئىچىشكىمۇ ۋاقىت چىقمايدىغان ئالدىراشچىلىقتىن ئەكسىچە ئۇ ۋە كوپېراتىپ ئەزالىرىنىڭ كۆڭلى ئەمىن تېپىپ قالدى.

  «نېمىلا بولمىسۇن سېتىپ چىقىرىۋالدۇق» دېدى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 4-ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خۇڭيۈن تېرىقچى، باقمىچى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ مەسئۇلى لى يۈەنۋېي.

دېھقان ئەمدىلا ئۈزگەن توقاچ شاپتۇل.

  ھازىر دەل مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار مەركەزلەشتۈرۈپ بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى سودا ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە ھەرقايسى تۇەن-مەيدان يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت تەرەققىيات مەركەزلىرى، ليەندۈي، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر ئالاقىلىشىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى جىپسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شۇ جايدىكى كۆكتاتچى، مېۋىچى دېھقانلارنىڭ سېتىشتىكى قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «كۆك-تاق»، «مېۋە سېۋىتى»نى تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋېيشىن توپىدا «توپلاندى»، دېھقان ئائىلىسىنىڭ «چوڭ خېرىدار»ىدىن 220سى كۆپەيدى

  «بىز تۈرلۈك مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى تۈركۈملەپ سېتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق، مىقدارى نىسبەتەن كۆپ بولغاچقا، تەمىنلەيدىغان دېھقان ئائىلىلىرى مەن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ» ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە، «12-شى مېۋە-چېۋە ئاممىۋى مەنپەئەت كېڭەيتىش» ۋېيشىن توپىدا بىر «چوڭ زاكاز»نى كۆرۈپ، لى يۈەنۋېي ۋە باشقا بىر نەچچە كوپىراتىپ مەسئۇلى دەرھال توپتا ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى يوللاپ، مال زاكاز قىلغۇچىغا كۆرسەتتى.

  «ئىلگىرى سېتىش يوللىرىنى ئىزدەپ پالاقشىپ كېتەتتۇق، ھازىر ۋېيشىن توپىدا، ئۈرۈمچى ۋە سانجىدىكى چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك سودا بازارلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش خادىملىرى بىزنىڭ ھەرقايسى تۇەن-مەيدان، ليەندۈيلەردىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇدۇللىشالايدۇ» دېدى لى يۈەنۋېي.

  شۇ كۈنى، مۇخبىرنىڭ 12-شى سودا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەزكۇر ئىدارە بىرىنچى ۋاقىتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى، سانجى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى بىلەن ئۇدۇللاشقان، ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى دېھقان ئائىلىرىنىڭ مېۋە-چېۋە، كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 220 نەچچە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش دۇكىنى ۋە سانجى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك سودا بازىرىدا سېتىشقا بىۋاسىتە كىرگۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋېيشىندا «12-شى مېۋە-چېۋە ئاممىۋى مەنپەئەت كېڭەيتىش توپى» قۇرۇش ئارقىلىق، مەسئۇل شى رەھبىرى ئالاقىدار تارماقلار، تۇەن-مەيدان، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىرلىكتە «يىغىلىپ»، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى قىيىن مەسىلىنى كېڭىشىپ ھەل قىلغان.

شى سودا ئىدارىسى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، ليەندۈيلەر بىلەن ھەرقايسى چوڭ يېزا ئىگىلىك سودا بازارلىرىنى ئاكتىپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، دېھقان ئائىلىلىرى ئۈچۈن سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ بەردى.

  «نۆۋەتتە بىزنىڭ ليەندە 200 نەچچە تېرىقچى ئائىلىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە سودا سېتىۋېلىش كارخانىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋېيشىن توپىغا قوشۇلدى» دېدى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى 51-دېھقانچىلىق مەيدانى 1-ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، بىرلەشمە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېتەكچىسى يې جيەنجۇڭ.

  لى يۈەنۋېينىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى دەل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋېيشىن توپىدىكى مەنپەئەتلەنگۈچىدۇر.

  «بىز ۋېيشىن توپىدا، شىنليەن يېزا ئىگىلىك سودا بازىرى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ليەندۈي، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلىرىنى تەمىنلەشكە تەشكىللىدۇق» دېدى لى يۈەنۋېي، ئۇلارنىڭ ليەندۈيىدە ھازىر ھەر كۈنى شىنليەن بازىرىغا توشۇلىدىغان كۆكتات تەخمىنەن تۆت-بەش توننىغا، مېۋە مەھسۇلاتلىرى ئىككى-ئۈچ توننىغا يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرىغا ھەر كۈنى سەۋزىدىنلا 20 توننىغا يېقىن توشۇلۇۋاتىدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى بىلەن بىرگە، دېھقان ئائىلىسى سەۋزە يۇلماقتا.

  «سېتىش سودىگىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇشۇنداق بىر يول ئارقىلىق تېرىقچى ئائىلىلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇدۇللاشساق، بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بىزنىڭمۇ مال بىلەن تەمىنلەش سودىگىرىمىز تېخىمۇ كۆپىيىدۇ» دېدى شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ چىڭلى.

  ۋېيشىن سۇپىسىدا كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەردىن زاكاز كەلدى

  ھەرقايسى چوڭ بازارلار، تەمىنات سودىگەرلىرى بىلەن ئاكتىپ ئۇدۇللاشقاندىن باشقا، 12-شى سودا ئىدارىسى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار ۋېيشىن سۇپىسىدا شۇ جايدىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىشكە باشلىدى.

  «مەن 20 مو ئۈزۈم تېرىغانىدىم، ھازىر ھەممىسى پىشىپ كەتكەنىدى، تېخى سېتىش يولى بولمىغاچقا، ئىزچىل غەم قىلىۋاتقانىدىم» دېدى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى 81-دېھقانچىلىق مەيدانى 1-ئەترەتتىكى مېۋىچى دېھقان جۇ لىيۈەن.

  قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا، ليەندۈي كادىرلىرى ئىشىك ئالدىغا زىيارەت قىلىپ كەلدى. دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 12-شى «يۇقۇم بىلەن جەڭ قىلىپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى. ۋېيشىن سۇپىسى ئارقىلىق ھەر كۈنى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق زاكاز قىلىشىغا مەدەت بەردى.

  «كادىرلار ماڭا ياردەملىشىپ ئۈزۈم مەھسۇلاتلىرىمنى نۇرغۇن سۈرەتكە تارتتى، يەنە مېنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرۇمنى سوراپ، مېنىڭ مېلىمنى تەشۋىق قىلىپ سېتىشىپ بەردى» دېدى جۇ لىيۈەن. شۇ كۈنى بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «12-شى ۋېيشېڭخو» ۋېيشىن سۇپىسىدا ئېلان قىلىندى. ئۈچ كۈچ ۋاقىتتا، ئۇ ھەر كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ زاكازلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  «نۇرغۇن ئولتۇراق رايوندىكى مۈلۈكدارلار ھەممىسى ئۇلارنىڭ مۈلۈكدارلار توپىدا بىرلىكتە كوللېكتىپ مال سېتىۋالىدۇ، ماڭا ئوخشاش 100 كىلوگىرامدىن باشلاپ يەتكۈزۈپ بەرسە، بىر چوڭ تىپتىكى ئولتۇراق رايون يەنىلا نىسبەتەن ئاسانلا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئۆلچىمىگە يېتىدۇ. مەن قويغان باھامۇ ئەرزان، ھازىر نۇرغۇن ئولتۇراق رايونلار ھەممىسى مېنىڭ چۆپقەتلىرىمدۇر» دېدى جۇ لىيۈەن. 8-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە، ئۇچۇر تارقىتىپ ئۈچ كۈندىلا ئۇ بىر توننىدىن ئارتۇق ئۈزۈمنى سېتىپ بولغانىدى.

  دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ توشۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 12-شىدىكى ئالاقىدار تارماقلار دېھقان ئائىلىلىرىگە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توشۇش يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئېتىز بېشىدىن چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ تاماق شىرەسىگە يەتكۈزدى.

  «بۇ ئىككى كۈندە زاكازلار ئۈزۈلمىدى، باشتا سەل ئەنسىرىگەنىدىم، ھازىر كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى» دېدى جۇ لىيۈەن.

  تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، 12-شى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ 120 توننا تاۋۇز، 20 توننا قوناق، 27 توننا قوغۇن، 23.1 توننا شاپتۇل، 22.5 توننا ئۈزۈم سېتىشىغا ياردەم بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە جيۇدىڭ 1-دەرىجىلىك توپ تارقىتىش بازىرىنىڭ نورمال تەمىنلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىنىڭ ئەتراپىدىكى كۆكتات مەنبەلىرىنى ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇپ مال توشۇغان، نۆۋەتتە بازارغا كىرگەن كۆكتات 2500 توننىدىن ئاشقان.

(سۈرەتلەرنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى