تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى جەزمەن چىڭىتىش كېرەك

ليۇ چيەنشېڭ

ئۈرۈمچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭىدىن يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ، ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىن بولدى. ھازىر، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا، بىز جەزمەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقماي، ئۇدا جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ئۇسۇلىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ھەرقانداق ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاپ تەييارلىق كۆرۈپ، تىرىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.» تۆۋەن چەك تەپەككۇرى پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەت دۆلەت ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش داۋامىدا شەكىللەنگەن مۇھىم سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى ۋاقتىدا تۇرغۇزۇپ، يامان تەرەپنى ئويلاپ تەييارلىق كۆرگەندىلا، يېڭىدىن يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، تەلەي سىنىماي، سەل قارىماي، بىخۇدلاشماي، ئۆزىنى قاچۇرماي، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، خەۋپ - خەتەر ۋە كىرىزىسنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان دائىرە ئىچىدە كونترول قىلىپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، شۇ ئارقىلىق تىرىشىپ ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

بىز پەقەت قىيىنچىلىقنى كۆپرەك مۆلچەرلەپ، مەسىلىنى ئېغىرراق ئويلاپ، خەۋپ - خەتەرنى چوڭراق ئويلىساقلا، ئاندىن تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق بېكىتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنى يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىيەلەيمىز.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىنچىكە ھالقىلاردا، مۇھىم نۇقتىسىمۇ ئىنچىكە ھالقىلاردا. «تۆت بالدۇر» تەدبىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ ماسلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشكە يەنىمۇ تىرىشىپ، تەمىنات كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچلۈك قىلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى يەنىمۇ ئىلمىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرمىلار، يەنىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ، قەتئىي بوشلۇق قالدۇرماسلىق، قاراڭغۇ بۇلۇڭ قالدۇرماسلىق كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسى قولغا كەلتۈرۈلمىگۈچە، بىز جەزمەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە قوشۇننى قەتئىي قايتۇرماسلىقىمىز كېرەك.

(«سۆز ھەممىگە» ئىستونىغا ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى