تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرى ساھەسىنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەش

جولاڭ شىنجاڭ شىركىتى تەرەققىيات يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشىغا، مەھسۇلاتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشىگە تۈرتكە بولدى 

توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرى ساھەسىنىڭ ئېگىزلىك نۇقتىسىنى ئىگىلەش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شى شىن، ليۇ شياڭ، جېن شىشىن، جاڭ ئاۋ، لۈ يىخەن، پىراكتىكانت جياڭ يىياۋ

ھەر مىنۇتتا 180 مىڭ قېتىم ئايلىنىدۇ، %100 كېرەكسىز پاختىنى ئېگىرىشكە بولىدۇ!

جولاڭ شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا چەكلىك شىركىتى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئۆزگىچە يەككە ئۇرچۇقلۇق ماگنىتلىق لەيلىتىش - ئۇچىنى ئۇلاش تېخنىكىسىغا ئىگە.

ئىلغار ياسىمىچىلىق ياسىمىچىلىقتىكى يېڭىلىق يارىتىشى ئەڭ جانلىق، نەتىجىسى ئەڭ مول ساھە، شۇنداقلا قىممەت زەنجىرىدىكى يۇقىرى پايدا، يۇقىرى قوشۇلما قىممەت يارىتىدىغان ساھە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) 1 - نومۇرلۇق يەرگە جايلاشقان جولاڭ شىنجاڭ شىركىتىگە بېرىپ، بىز ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ تەرەققىيات ئېگىزلىكىنى ھېس قىلدۇق.

پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ياساش سودىگىرى

72 Zinser Ring دەپ ئاتىلىدىغان ئىنچىكە يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى ئالدىدا، جولاڭ شىنجاڭ شىركىتىنىڭ سۈپەت ئىنژېنېرى لى شۈەن ماشىنىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈۋاتاتتى. 2018 - يىلى تۇڭجى داشۆسىنىڭ ماشىنىسازلىق قۇرۇلۇشى كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، لى شۈەن بۇ يەرگە كەلدى، گەرچە بۇ ماشىنا بىلەن ئۇچراشقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا دائىم بۇ ماشىنىنىڭ قالتىس ئىپادىسىدىن سۆيۈنەتتى.

«ئىلغار! ئىنتايىن ئىلغار!» لى شۈەن مۇنداق دېدى: «يىپ ئۈزۈلۈپ كەتسە ئۇچىنى ئاپتوماتىك ئۇلايدۇ؛ ماگنىتلىق لەيلىتىش ئېلېكتىرو ماشىنىسى ئىشلىتىلگەچكە، ئېگىرىش لوڭقىسىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلانغاندىمۇ يەنىلا پاراللېل ھالەتنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ يىپنى ئاپتوماتىك يۆگىگىلى بولىدۇ؛ يەككە ئۇرچۇقنى مۇستەقىل كونترول قىلغىلى بولىدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۇ دېگەن 1000 - 2000 ئۇرچۇق...»

ئەمەلىيەتتە، يېرىم ئېگىرىلگەن يىرىك يىپ ياكى داكا يىپنى ئېشىش، ئېگىرىش، يۆگەش ئارقىلىق ئىنچىكە يىپلىق نەيچە ئورالما يىپىغا ئايلاندۇرىدىغان بۇ يىپ ئېگىرىش ماشىنىسىدىكى ئۇرچۇقنىڭ سانى 2016گە يېتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىنچىكە يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى. يۇقىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يېڭىلىق يارىتىلغان مەركىزىي قوزغىتىش قۇرۇلمىسى يىپ سۈپىتىنىڭ يۈكسەك مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئۆزى پاكىزلاش، زىچ ئېگىرىش، شامال سۈمۈرۈش قاتارلىق تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى يەنە ئاپتوماتلاشقان پىششىقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

72 Zinser Ringنىڭ تېخىمۇ قالتىس تەرىپى ئۇنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى جانلىقلىقىدا بولۇپ، گۈللۈك يىپ ۋە ئالاھىدە يىپ پىششىقلاش ساھەسىدە قوللىنىشقىمۇ ماس كېلىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، جولاڭ شىنجاڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تولۇق ئاپتوماتىك ئايلانما لوڭقىلىق يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى يېقىندا بۇ يىل دۆلەتنىڭ تۇنجى يۈرۈشلۈك مۇھىم، زور تېخنىكا جابدۇقلىرى سۇغۇرتىسى تولۇقلىما تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. پۈتۈن يەر شارىدا پەقەتلا بار بولغان ئىككى چوڭ ياساش سودىگىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جولاڭ شىنجاڭ شىركىتىنىڭ پۈتۈن ئاپتوماتىك ئايلانما لوڭقىلىق يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى بازار ئۈلۈشىنىڭ %75تىن ئارتۇقراقىنى ئىگىلىدى.

«بىز پۈتۈن يەر شارىدا پەقەتلا بار بولغان ئۈچ چوڭ يىپ يۆگەش ماشىنىسى ياساش سودىگىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۈچ چوڭ پاختا تازىلاش - پاختا تاراشلاش بىرلەشمە ماشىنىسى ياساش سودىگىرىنىڭ بىرى؛ شىركىتىمىز ياسىغان پاختا توقۇمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرىگە پاختىدىن يىپ ئېگىرىشكىچە بولغان پۈتۈن جەريان سىڭدۈرۈلگەن» دېدى جولاڭ شىنجاڭ شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ماۋ جۈن.

يەرلىك كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

يىپ يۆگەش ماشىنىسىدا، ئېلېكتىرون ئوقۇرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ھەمدە رادىيو چاستوتىسى پەرق ئېتىش بۇلۇت ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى تۇنجى بولۇپ يارىتىلدى؛ پاختا تازىلاش - پاختا تاراشلاش بىرلەشمە ماشىنىسىدا، بارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلار دۆلەت ئىچىدە ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىنىپ ئېچىلدى، مەسىلەن، پاختا پىلتىسىنى ئاپتوماتىك تەڭشەش - رەتلەش ماشىنىسى...

يادرولۇق تېخنىكىنىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. جولاڭ شىنجاڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋۇ جېڭچۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىغا تايىنىپ، 2018 - يىلى 12 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنلا، جولاڭ شىنجاڭ شىركىتى 230 مىليون يۈەنلىك سېتىش سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، 2019 - يىلى، سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى.

«شىركىتىمىز قۇرغان يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەندى.» ماۋ جۈن مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇش رولى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ياسىمىچىلىقنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش ھەمدە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ئۆزگىچە رول ئوينايدۇ ھەم مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېڭىلىق يارىتىشمۇ كەسىپ زەنجىرىدىكى كارخانىلارنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىدى، بۇنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىي مىسالى بار بولدى.

بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرى زەربىگە ئۇچراپ، جولاڭ شىنجاڭ شىركىتى ئىشلىتىدىغان ئۇششاق زاپچاس - ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا يۆتكەپ كېلىشكە ئامال بولمىدى. ئون يىلدىن ئارتۇق مېتال ماتېرىيال ھەم مېتال تاختا پىششىقلاش تەجرىبىسىگە ئىگە شىنجاڭ رۇيلىفۇ سىپتا مېتال تاختا چەكلىك شىركىتى پۇرسەتنى بايقاپ، شىۋېيتسارىيەنىڭ بەيچاۋ سىپتا ئىستانوكى ۋە ئىمپورت قىلىنغان تەكشۈرۈش - ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى تولۇق يۈرۈشى بويىچە كىرگۈزدى، ھەر خىل مېتال تاختا ماتېرىياللىرىنى سىپتا پىششىقلاش، شەكىلگە كەلتۈرۈش بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىپ، نۆۋەتتە شىنجاڭدا جولاڭ شىنجاڭ شىركىتىنى سىپتا مېتال تاختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر كارخانا بولۇپ قالدى.

«شىركەتنىڭ ئۇششاق زاپچاسلارنىڭ سىپتىلىق دەرىجىسىگە بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، بىزنى تەمىنلىيەلىگەنلىك كەسىپتە ئېگىزلىك نۇقتىسىدا تۇرغانلىق بولىدۇ.» ماۋ جۈن مۇنداق دېدى: بۇ، بىر قېتىملىق قوش پايدا ئالىدىغان نەتىجە، ئۇششاق زاپچاسلارنى يەرلىكلەشتۈرگەندە شىركەتنىڭ ئوراش - قاچىلاش ھەم توشۇش تەننەرخىنى %15 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

يېڭى تېخنىكا بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش

جولاڭ شىنجاڭ شىركىتىنىڭ ئاپتوماتلاشقان ئىستېرېئولۇق ئامبىرىدا 20 مىڭ خىلدىن ئارتۇق ماتېرىيال ساقلانغان بولۇپ، پەقەت ئۈچ خىزمەتچى خادىم بار. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە خام ئەشيا لازىم بولسا، قانداق تاپىدۇ؟

«خىزمەتچى خادىملار پەقەت زاكازغا ئاساسەن مەشغۇلات سۇپىسىدىن ماتېرىيال تىپىنى تاللىسىلا بولىدۇ، قالغىنىنى ماشىنىنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرىدۇ.» شىركەت ئەشيا ئوبوروت ئامبىرىنىڭ مەسئۇلى تيەن چاڭخاۋ مۇنداق چۈشەندۈردى: موكىسىمان ماشىنا ئېگىزلىكى تەخمىنەن 12 مېتىر كېلىدىغان ئون مال جازىسىدىن ماتېرىيالنى ئاپتوماتىك تاللاپ ئالىدۇ ھەم ماتېرىيالنى قاچىلاپ مال جازىسىنىڭ ئاستى تەرىپىگە توشۇيدۇ، ئارقىدىن AGV ئادەمسىز توشۇغۇچى كىچىك ئاپتوموبىل سىستېمىدا تەسىس قىلىنغان لىنىيەگە ئاساسەن ئاپتوماتىك ھالدا ماتېرىيالنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە توشۇيدۇ.

ئاپتوماتلاشقان ئىستېرېئولۇق ئامبار خام ماتېرىيال توشۇش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، خادىملار تەننەرخىنى تېجەپ قالدى، ئېلاستىكلىق پىششىقلاش لىنىيەسى خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئۈسكۈنىلەرگە ئاپتوماتىك تەقسىملەپ بېرىپ، ئادەمسىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سەككىز سائەت سىرتىدىكى «چىراغ يېقىلمايدىغان زاۋۇت» دەپ تەرىپلەندى.

ئالاقە تورى، نەرسە تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ياسىمىچىلىقنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشى ۋە ئۈنۈم ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ۋۇ جېڭچۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە جولاڭ شىنجاڭ شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان سانائەت نەرسە تورى سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ رەقەملىشىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەرسە تورى تېخنىكىسىنى سانائەت ياسىمىچىلىقى مۇھىتىدا قوللىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ.

«بىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت جەھەتتە قوللىنىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېخلارنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئارقىلىق، پۈتكۈل زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ بىزنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى كونترول قىلىپ، يەرشارىۋى توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرى ساھەسىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىدە تۇرىدىغان، بارلىق ئىش تەرتىپى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان توقۇمىچىلىق ماشىنىلىرىنى ياساش زاۋۇتىنى بەرپا قىلىشىمىزغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىدۇ» دېدى ۋۇ جېڭچۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ