تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كەڭ پارتىيە ئەزالىرى باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئاۋانگارتلىرىدىن بولدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇمنىڭ ئۆزى بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت. 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ليۇ شى مۇنداق تونۇشتۇردى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار تېزدىن ئاۋاز قوشۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللە (كەنت) پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈردى. مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرى، مۇھىم تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملارنى يېتەكلەپ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلغاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، ماددىي ئەشيا كاپالىتى، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇل بولۇش، ئاچقۇچلۇق پەيتتە پارتىيە ئەزالىرى تىرەك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلدى؛ ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ياشانغانلار، بالىلار، ئاغرىقلار، مېيىپلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، پىسخىكىلىق يېتەكلەش، قاتراپ يۈرۈپ ۋاكالىتەن مال سېتىۋېلىش، ئەخلەتلەرنى تازىلاش - توشۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە «ئايرىلىپ تۇرسىمۇ قەلبى ئايرىلماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىجابىي تەشۋىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىلغاپ تەكشۈرۈشكە ماسلىشىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، پارتىيە بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ