تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە شەخسلەر «بىلىش، ئىشىنىش، قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ جۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى»نى يېشىپ چۈشەندۈردى. ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: يۇقۇملۇق كېسەللىك ئاغرىقلىرى ياكى گۇمانىي يۇقۇملۇق كېسەللىك ئاغرىقلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن، ۋاقتىدا يېقىن ئەتراپتىكى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتى ياكى داۋالاش ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلىش ھەرقانداق تەشكىلات، ئورۇن ۋە پۇقرانىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. شەخسلەرنىڭ «بىلىش، ئىشىنىش، قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم.

ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: يۇقۇملۇق كېسەللىكنى تىزگىنلەشتىكى ئۈچ ھالقا، يۇقۇم مەنبەسىنى تىزگىنلەش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنى قوغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقۇم مەنبەسىنى تىزگىنلەش ھالقىسىدا بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتىن ئىبارەت «تۆت بالدۇر» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بالدۇر دوكلات قىلىشتىكى مەقسەت ئاھالىلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىككە بولغان تونۇشى ئېنىق بولماسلىق سەۋەبىدىن، كېسەللىك ئەھۋالىنى كېچىكتۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ھەربىر ئاھالە ئۆزىدە قىزىش ئالامىتى بار - يوقلۇقىنى، ئىلگىرى قىزىپ قالغان ئاغرىقلار بىلەن ئۇچراشقان - ئۇچراشمىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئائىلىسىدىكىلەردە، خىزمەتداشلىرىدا گۇمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرى بار - يوقلۇقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىشى كېرەك.

«ئەگەر قىزىش، ئۇدا قۇرۇق يۆتىلىش ياكى كىلىنىكىلىق ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلىنىڭ بىئاراملىق دەرىجىسى ئېغىرلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلىپ، مەھەللىنىڭ ياردىمىدە ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشى كېرەك. ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلى بار ياشانغانلار، ھامىلىدارلار، بوۋاقلار - بالىلار قاتارلىق كىشىلەر توپى ئائىلىدە ساغلاملىقنى كۈندىلىك كۆزىتىش - ئۆلچەش قانات يايدۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپى» دېدى ۋاڭ جۈن.

ۋاڭ جۈن تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش جەھەتتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى نەپەس يولى چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىش ۋە ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشتىن ئىبارەت. ئاھالىلەر پات - پات قول يۇيۇپ تۇرۇش، كۆپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ماسكا تاقاش، توپلىشىۋالماسلىق قاتارلىق ئائىلىدە مۇداپىئەلىنىش تەلەپلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ تاشلاشنى ياخشى قىلىشى كېرەك. ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئائىلە ئەزالىرىمۇ ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ئامال بار ئۆي ئايرىپ تۇرۇشى، ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشى كېرەك.

«مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇۋاتقان خادىملار چوقۇم مۇداپىئە ئېڭىنى كۈچەيتىشى، دوختۇر - سېسترالار دوختۇرخانا ئىچىدە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەرگىز بىخۇدلۇق قىلماسلىقى كېرەك» دېدى ۋاڭ جۈن.

ۋاڭ جۈن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپىنى قوغداش جەھەتتە توختىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى كېسەل يۈزبېرىش ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، %60 كېسەلنىڭ ھەممىسى شەخسىي قىلمىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئاھالىلەر ھەربىر ئادەم ئۆز ساغلاملىقىغا بىرىنچى مەسئۇل كىشى دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بىلىش، ئىشىنىش، قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى، يەنى مۇداپىئە بىلىملىرىنى بىلىشى، ئىلىم - پەنگە ئىشىنىشى ھەمدە پائال ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، مەھەللىگە پائال ماسلىشىپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى