تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا ئىنچىكە، يەنىمۇ ئىنچىكە بولۇش كېرەك

نيۇ لىڭ:

ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا ئىنچىكە، يەنىمۇ ئىنچىكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس ۋە ئېغىر كېسەللەر تېببىي مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ لىڭ دائىم ئاغرىقلار رايونىدىكى دوختۇر - سېسترالارنى: «ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى قاتتىق كۆزىتىپ، تېخىمۇ ئىنچىكە داۋالاش ئارقىلىق ئاغرىقلارنىڭ كېسىلىنىڭ <يېنىكتىن ئېغىرغا ئۆزگىرىشى>نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك» دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن بۇرۇن، نيۇ لىڭ تېخى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتقانىدى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، نيۇ لىڭ قىلچە ئىككىلەنمىدى. يىل بېشىدا، نيۇ لىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە تىزىملاتقان، ئەمما دوختۇرخانىنىڭ باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى بولغاچقا بارالماي، ئىزچىل قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشلەۋاتقانىدى. كېيىن، نيۇ لىڭ يەنە جۇڭگونىڭ قىرغىزىستانغا بارغان بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن يېتەكچىسى بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

«بۇ قېتىمقى ئىشىكىمىز ئالدىدىكى يۇقۇمغا قارشى جەڭدە، مېنىڭ تېخىمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم بار.» نيۇ لىڭ بۆلۈم مۇدىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈندە كەسپىي ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇردى، تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، ئاغرىقلار رايونىغا كىرىپ كېسەلخانىلارنى تەكشۈردى، ئاغرىق مىسالىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى... ھەربىر خىزمەتنى ئىنچىكە، يەنىمۇ ئىنچىكە ئىشلەشكە تىرىشتى. ئۇ كېسەلخانىلارنى تەكشۈرگەندە كېسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغان ئاغرىقلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، داۋالاش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تەڭشىدى؛ دوختۇرخانىدىن چىقىدىغان ئاغرىقلارغا ھەمىشە ئېرىنمەستىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تاپىلىدى.

نۆۋەتتە، نيۇ لىڭ مەسئۇل بولغان ئاغرىقلار رايونىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، بىرقانچە ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى. نيۇ لىڭ بۆلۈمدىكى دوختۇر - سېسترالارنى سەپەرۋەر قىلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار ئۈچۈن ئالاھىدە دوختۇرخانىدىن چىقىش كارتىسى ياساپ، ئۈستىگە تىلەك سۆزى ۋە سەمىمىي ئەسكەرتمە يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدۋار، ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلىشىنى، سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئىشتىن چۈشكەندە، ئۇ دائىم كۆپچىلىكنى ۋاقتىدا دەم ئېلىشقا ئالدىرىتىدۇ، ئىشقا چىققاندا، ئۇ دوختۇر - سېسترالاردىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. «دوختۇر - سېسترالار جەزمەن بەدەن قۇۋۋىتىنى ساقلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغاندىلا، ئاندىن ئاغرىقلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلالايدۇ».

نيۇ لىڭ ۋە خوتۇنى تېببىي خىزمەتچى بولۇپ، ئىككىلىسىنىڭ 2003 - يىلىدىكى سارستا قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا قاتنىشىش كەچۈرمىشى بار ئىدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئۇ ئىككىسى يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىرىنچى سەپكە بارغاچقا، ئوغلىنى ئاتا - ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدى، ھەر كۈنى «ئۈچ ئادەم ئۈچ جاي»دا تۇرۇپ سىنلىق سۆزلىشىدىغان چاغ نيۇ لىڭ تەستە ئېرىشىدىغان ئارام ئېلىش ۋاقتى بولۇپ قالدى.

«دادا، ئاپا، غەيرەت قىلىڭلار، دوختۇر - سېسترالار غەيرەت قىلىڭلار، شىنجاڭ غەيرەت قىل.»... نيۇ لىڭ ئوغلىنىڭ ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرگەندە، قەلبى سېغىنىش، پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمدى. «ئۇ يەنە بىزگە پىيانىنو چېلىپ، ئۈنگە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئەۋەتىپ بەرمەكچى، كەيپىياتىڭلارنى تەڭشەيدۇ دەيدۇ» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، نيۇ لىڭنىڭ كۆزلىرى نەمدەلدى.

«ئاتا - ئانا پەرزەنتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى، بىز ئوغلىمىزنىڭ پەخرى.» نيۇ لىڭ ئۆزىگە مەدەت بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، داۋاملىق يۇقۇمغا قارشى ئېلىشىمەن، بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بىز چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ