تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تۆت خىل كىشىلەر توپى»نىڭ قەرز پۇلنى قەرەلىدە قايتۇرالماسلىقى ئىناۋەت ئۇچۇرىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يۇقۇم مەزگىلىدە، قىسمەن شەھەر ئاھالىلىرى، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇلنى قەرەلىدە قايتۇرالمىسا، شەخسىي ئىناۋەت ئۇچۇرى خاتىرىسى ياكى كارخانا ئىناۋىتىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئىناۋەت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تيەن يۈن مۇنداق بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى باش بانكىسى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بىلەن بىرلىكتە «پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە مەدەت بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، باشقىچە پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش يېشىل يولى ئېچىپ، «تۆت خىل كىشىلەر توپى»نىڭ قەرز پۇلنى قەرەلىدە قايتۇرالماسلىقىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قەرەلىدە قايتۇرماسلىق خاتىرىسىگە كىرگۈزۈپ يوللىماسلىقنى، يوللاپ بولغانلىرىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ «تۆت خىل كىشىلەر توپى»، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىدىغانلار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان خىزمەتچى خادىملار ھەمدە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كىرىم مەنبەسىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن، ئەمما كىرېدىت ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار ئىناۋەت ئۇچۇرى خاتىرىسىنى تەڭشەشنى رەت قىلغانلار شۇ جايدىكى خەلق بانكىسىغا باشقىچە پىكىر ياكى ئەرز ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلق بانكىسى باش بانكىسى يەنە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئالغان قەرز پۇلىغا قارىتا دىرىنى قايتۇرۇپ ئۆسۈمىنى تۆلەشنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېچىكتۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» «كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئارقىلىق مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇل، تۇنجى قەرز پۇل، دىرىنى قايتۇرماي ئالىدىغان داۋاملاشما قەرز پۇلنى زور ھەجىمدە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. «ئۇزارتىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇزارتىش» تەلىپى بويىچە، 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن بۇرۇن قەرەلى توشىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇلىغا قارىتا، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە تىجارەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قەرز پۇلنىڭ قەرەلىنى ئۇزارتىش، داۋاملاشما قەرز پۇلى بېرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، بەلگىلىك مۇددەتتىكى كېچىكتۈرۈپ دىرىنى قايتۇرۇپ ئۆسۈمىنى تۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇشى بېرىدۇ. قەرز پۇلنىڭ دىرى ھەم تۆلەشكە تېگىشلىك ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ، جەرىمانە ئۆسۈمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلار ئىناۋەتلىك قەرز پۇل كەسپىنى بېجىرگەن ئاپپاراتلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، قەرز قايتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى