تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئولتۇراق رايوندىكى ياخشى بالا

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جوۋ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئەكبەر ئەمەت (ئالدىدا) مەھەللە كادىرلىرى ۋە پىدائىيلار بىلەن بىللە ئاھالىلەرگە ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئەكبەر ئەمەت ئاۋاز كۈچەيتكۈچ ئارقىلىق ئاھالىلەرگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلماقتا.

21 ياشلىق ئەكبەر ئەمەت مارالبېشى ناھىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئەكبەر ئۆزى پىراكتىكا قىلىۋاتقان جاي ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى تىنچلىق يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى دۇڭسەييۈەن مەھەللىسىدە قېلىشنى تاللاپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشتى.

يېرىم ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئەكبەر مەھەللە كادىرلىرى بىلەن بىللە ئولتۇراق رايوندا چىڭ تۇرۇپ، چىن قەلب بىلەن ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى. پىژغىرىم ئىسسىقتا، ئەكبەر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالدىراش چېپىپ يۈرۈپ، كىيىملىرى دائىم چىلىق - چىلىق تەرلەپ ھۆل بولۇپ كېتەتتى. ئاھالە لى شۇچىن مۇنداق دېدى: «ئىككى كۈن ئىلگىرىكى بايرامدا، ئەكبەرنى كەلمەسمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ يەنىلا دەل ۋاقتىدا بىزنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىمىزنى ئۆلچەپ، بىزگە ياردەملىشىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى، بىزنىڭ قەلبىمىز بەكمۇ ئىللىقلىققا تولدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئولتۇراق رايونىمىزدىكى ياخشى بالا دېدى».

ئەكبەر مۇنداق دېدى: «مەن مەھەللىگە پىراكتىكا قىلغىلى كەلگەندە، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلدى، ھازىر مېنىڭ ئۇلارغا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە مۇلازىمەت قىلىشىم تېگىشلىك ئىش. مەن بۇ شەھەرنى سۆيىمەن، بۇ مەھەللىنى سۆيىمەن، بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى. ئىشىنىمەنكى، بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلاشساقلا، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى