تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى: ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولماقتا

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن توڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 18-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈي يەن مۇنداق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دوكلات قىلىنغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 28، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى توققۇز بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە. شۇ كۈنى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 12، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 11. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 42 بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 37 يۇقۇملانغۇچىنى تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان.

8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 24كىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 606؛ ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 114 بولغان.

سۈي يەن مۇنداق دېدى: 8-ئاينىڭ 3-كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ئالدىنقى كۈندىكىسى بىلەن تەڭلەشتى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى ۋە تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇنجى ئاغرىق مىسالى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن بۇيانقى ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر كۈن بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولماقتا.

(گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى