تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ بىڭتۇەن تەۋەلىك رايونىدىكى بايراملىق بازار تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى

7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى قۇرۇلۇش يولى ئەدەبىيات-سەنئەت ئولتۇراق رايونىدىكى 6-نومۇرلۇق بىنادا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە خوۋ يوۋخۇا تىيانشان رايونى داشىمېن، شياۋشىمېن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋاكالىتەن سېتىۋالغان ئىككى كىلوگىرام قوي گۆشىنى تاپشۇرۇۋالدى. «دۈملەپ پىشۇرۇلغان قوي گۆشى قىلىشقا تەييارلاندۇق، بۇ بايرامدا بىز يوقلاشماي، توپلاشماي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردۇق»دېدى خوۋ يوۋخۇا.

قۇربان ھېيتنىڭ ئالدىنقى كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەر، ھەرقايسى تارماقلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىغا دەل جايىدا تەقسىملەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەپ، كۆپ تەرەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، ھەر مىللەت ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ تاماق ئۈستىلىنىڭ مول، سەرخىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 4تە، ئۈرۈمچى تېخى ئۇيقۇدا بولۇپ، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بازارغا كىرگەن مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى توشۇشنى باشلىۋەتكەنىدى. بازارغا كىرگەن خادىملار ئۈنۈملۈك نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلىپ، بازارغا كىرىش ئېغىزىدا دېزىنفېكسىيەلەش، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەشنى تاماملانغاندىن كېيىن، تەرتىپلىك بازارغا كىردى. «7-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، جيۇدىڭ بازىرى پۈتۈن كۈن 24 سائەت تىجارەت قىلىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى، شۇ كۈنى 1500 توننىدىن ئارتۇق كۆكتات، مېۋە-چېۋە بىلەن تەمىنلىدى. بىز بازاردىكى سودىگەرلەرنى مال مەنبەسىنى كېڭەيتىشكە پائال ئىلھاملاندۇرۇپ، مېۋە-چېۋە، كۆكتات زاپىسىنى كۆپەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە تەمىنات تولۇق، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ گۇاڭمىڭ.

7-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن كېيىن، 7-شى 123-تۇەن شۇگۇاڭلى ئولتۇراق رايونىدا تۇرۇشلۇق ئاھالە جۇ لىيا ۋاقىتلىق سېتىش نۇقتىسىدىن سۈت، تۇخۇم، پەمىدۇر، خاڭگا، توقاچ شاپتۇل قاتارلىقلارنى سېتىۋالدى. «تۇەن، مەيدان 13 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا 25 ۋاقىتلىق سېتىش نۇقتىسى تەسىس قىلدى، ھەرقايسى يايما ئورۇنلىرى ئارىلىق ساقلاپ، قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ باھاسى مۇقىم، تۈرى مول بولۇپ، خاتىرجەم يېسە بولىدۇ.» جۇ لىيا رازى بولغان ھالدا بىلەن مۇنداق دېدى: بايرام مەزگىلىدە، ئۆزۈم ئۆيدە تاماق تىزىملىكىنى تەتقىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ماسلاشتىم.

(بىڭتۇەن گېزىتى مۇخبىرى چېن خۇي)

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

(گۈلپىيە تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى