تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ قوشتى

7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەتىگەن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، كۈيتۈن لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7-شىسى ئېقىنتال شەھىرى تيەنبېي يېڭى رايونىدىكى ئون مەھەللىگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندى، ئۇلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە مەھەللە ئاھالىلىرىنى ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

كۈيتۈن لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى پېڭ شياۋخۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە ھەر كۈنى سائەت 10دىن 22گىچە بولغان ۋاقىتتا، تيەنبېي يېڭى رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تيەنبېي يېڭى رايونىدىكى ئون مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنى ھەر ۋاقىت دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ئاپىرىپ-ئەكېلىش، سۇ، توك، تەبىئىي گاز، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاپتوموبىل يولغا چىقىش مۇراسىمىدا، تيەنبېي يېڭى رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابى لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكىلەرگە مۇداپىئە كىيىمى، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، ماسكا، پەلەي قاتارلىق مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى تەمىنلەپ تارقاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، 2019-يىلى 9-ئايدا، 20دىن ئارتۇق كۈيتۈن شەھەر ئاھالىسى ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ كۈيتۈن لېي فېڭ ئاپتوموبىل ئەترىتىنى قۇرغان. بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتوموبىل ئەترىتى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن 232 ئەزانى قوبۇل قىلغان، كۆپچىلىك لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىنى قىلىپ، ياردەمگە موھتاج شەھەر ئاھالىلىرىنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ كۈچ تارقاتقان.

(لى جورەن)

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

(گۈلپىيە ئابلىز تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى