تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

قىياپىتىڭىزنى ئەستە ساقلايمىز | يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە ئۇرغۇغان ياشلىق جاسارىتى

    

سۇڭ جيانىڭ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تىنچلىق كۆۋرۈكى مەھەللىسى ۋەنشىڭ ئولتۇراق رايونىدا پىدائىي

    تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ چىمىڭ، جاڭ ۋەندې، جاڭ شىنجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گۈلدار قۇسان، لى خۇڭ، فېڭ سىجې، لى جىڭيۈن، جاڭ جېڭ خەۋىرى، فوتوسى، بىر قىسىم سۈرەتلەرنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار تەمىنلىگەن): بۇ، ئۈرۈمچىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىللىقنى پۈتكۈزگەن بىر توپ ئوقۇغۇچىنىڭ پىدائىيلىق مۇلازىمىتى «تەسىراتى».

    ئۇلار ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 210 مىڭدىن ئارتۇق پىدائىينىڭ بىر ئەزاسى، ئۇلار ئىمتىھان مەيدانىدىن چۈشۈپلا يەنە ئاكتىپلىق بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيلىق مۇلازىمىتى جەڭگاھىغا ئاتلاندى. ئۇلار ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ئىزاھلاپ، ئۆزىنىڭ 18 ياشلىق قورامىغا يېتىش مەزگىلىگە ئالاھىدە ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. «بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئوڭۇشلۇق بېرىشىمىزگە تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن، ھازىر بىزمۇ ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك» دېدى سۇڭ جيانىڭ.

ۋاڭ يىبىڭ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىتتىپاق يېڭى كەنتى مەھەللىسىدە پىدائىي.

     «بىرىنچى ۋاقىتتا پىدائىي بولۇشقا تىزىملاتتىم، ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن، مەن يەنە ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمەن، يېڭى دەۋردىكى ئەزىمەتلەردىن بولىمەن» دېدى ۋاڭ يىبىڭ.

ليۇ زىياڭ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) سەنگۇڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇيشۈەنيۈەن مەھەللىسىدە پىدائىي.

    نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە بىر تۈركۈم ياش سىيمالار ھەرقايسى مەھەللە، ئولتۇراق رايوندىكى بىنالار ئارىسىدا جانلىنىپ كەتتى، ئۇلار ئىلگىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدە مەكتەپكە قايتىپ، بۇ يىلقى ئالاھىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغانىدى. ئۇلار كىتابنى قويۇپ، يەنە ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، ئۈرۈمچىنىڭ يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، قىزغىنلىق بىلەن ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى. «ئۈرۈمچىدە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيسى بولۇش مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ جانلىق جەمئىيەت ئەمەلىيىتىم بولدى» دېدى ليۇ زىياڭ.

مايىرخان باسان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) لياڭخې تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى دۇڭنەنگوۋ كەنتىدە پىدائىي.

    «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم، يۇرتداشلارغا مۇلازىمەت قىلالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە شەرەپ ھېس قىلىمەن» دېدى مايىرخان باسان.

ۋاڭ رۇنجى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى باجياخۇ مەھەللىسىدە پىدائىي.

    ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر قېتىملىق ناھايىتى ياخشى كەچۈرمىش، ھەم جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلالايمىز، ھەم ئۆزىمىزنى يۈكسەلدۈرەلەيمىز».

شاھناز ئىمىنجان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى باجياخۇ مەھەللىسىدە پىدائىي.

    «پىدائىي بولغان كۈندىن بۇيان، مەن يېڭى دەۋردىكى ياشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم ھەمدە بۇ تۇيغۇم بارغانسېرى كۈچەيدى» دېدى شاھناز ئىمىنجان.

    يۈ خېڭياڭ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شۈنخې يولى مەھەللىسىدە پىدائىي.

    «ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش پىدائىيسى بولالىدىم، ياشلىقىمدا ئارمىنىم قالمىدى!» دېدى يۈ خېڭياڭ.

ۋاڭ زېسەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇاڭجۇۋ كوچىسى مەھەللىسىدە پىدائىي.

    ئۇ: «ئۆيدە بىكار ئولتۇرغاندىن كۆرە، كۈچىمىز يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يۇقۇمنى بالدۇرراق يەڭگەنگە يەتمەيدۇ!» دېدى.

جاڭ تۇڭجيې، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇاڭجۇۋ كوچىسى مەھەللىسىدە پىدائىي.

    ئۇ مۇنداق دېدى: «ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەر زاكاز قىلغان كۆكتاتلارنى ئۆيىگىچە ئاپىرىپ بەرگىنىمدە، مەندە ناھايىتى كۈچلۈك مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ