تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دوختۇر ئەسكەرتمىسى: بالىلار ئۆيدە تۇرغاندا سوقۇلۇپ يارىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى): يېقىندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار ئۆيىدە بولدى، بۇ چاغدا سوقۇلۇپ، يىقىلىپ يارىلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  «7-ئاينىڭ 27-كۈنى، بۆلۈمىمىز بىر بالىنى داۋالىدى، بالا ئۆز ئۆيىدىكى 1.5 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بالىلار تاماق ئورۇندۇقىدا ئويناۋېتىپ يىقىلىپ كېتىپ بېشى زەخمىلەنگەن.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى) سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ياۋ رۇيشياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە، دوختۇرخانىمىز تاشقى زەخمىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم بالىلارنى قوبۇل قىلدى. داۋالاشقا قوبۇل قىلىنغان بالىلارنىڭ يارىلىنىش سەۋەبىمۇ كۆپ خىل، بەزىلىرى ئېغىر نەرسە تەرىپىدىن يارىلانغان، بەزىلىرى ئۆزى يىقىلىپ يارىلانغان، يەنە بەزىلىرى پۇتلىشىپ يارىلانغان.

  ئۆيدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ تاسادىپىي يارىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، دوختۇر بۇ ھەقتە مۇنداق تەكلىپ بەردى.

  بىرىنچى، قانداق قىلغاندا ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟

  1. يىقىلىپ كەتكەندە ئەينەك پارچىسىنىڭ بەدەننى كېسىۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ئەينەك ئىستاكان ياكى ئەينەك سۈت بوتۇلكىسىنى ئېلىپ ھەممە يەردە ئوينىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

  2. بەدەننىڭ كېسىلىپ زەخمىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ قەلەمتۇراچ، قايچا ۋە قىرى ئۆتكۈر ئويۇنچۇقلارنى ئوينىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

  3. بالىلارنىڭ يىقىلىپ يارىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ ئورۇندۇق ياكى ئۈستەل قاتارلىق بىر قەدەر ئېگىزرەك جايلارغا يامىشىپ چىقىپ ئوينىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

  4. بوۋاقنىڭ يىقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزى ئۆرۈلەلەيدىغان 6~5 ئايلىق بولغان بوۋاقلارنى كارىۋات گىرۋىكىگە يېقىن ئورۇن قاتارلىق بوۋاق ئاسان يىقىلىپ كېتىدىغان ئورۇندا ياتقۇزماسلىق كېرەك.

  5. يىقىلىپ كېتىپ خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بالىلارنىڭ قېرىنداش قەلەم، چوكا، كالتەك قاتارلىق ئۇچى ئۇچلۇق نەرسىلەرنى ئېغىزىغا سېلىۋېلىشىغا يول قويماسلىق كېرەك.

  ئىككىنچى، بالا يىقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ سۆڭىكىنىڭ سۇنغان-سۇنمىغانلىقىغا ياكى بوغۇمدىن چىقىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىشى كېرەك؟

  يېنىك دەرىجىدە سۆڭەك سۇنغاندا قىسمەن ئىششىش، باسقاندا ئاغرىش ئالامەتلىرى روشەن بولىدۇ، بالا يارىلانغان ئورۇننى تۇتقىلى ياكى باسقىلى قويمايدۇ؛ ئوتتۇراھال دەرىجىدە سۆڭەك سۇنسا بالىنىڭ ھەرىكىتى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، بالىنىڭ ئوقۇرەك سۆڭىكى سۇنغاندىن كېيىن، مۈرىسىنى كۆتۈرەلمەيدۇ، جەينەك بوغۇمى سۇنغاندىن كېيىن جەينەك بوغۇمىنى سوزالمايدۇ ياكى ئىگەلمەيدۇ، ئاستىنقى مۈچە سۇنغاندا ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلمەيدۇ؛ سۆڭەك ئېغىر دەرىجىدە سۇنغاندا سۇنغان ئورۇن غەيرىي شەكىلگە كىرىپ، نورمال ھەرىكەت قىلالمايدۇ، تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا ھەتتا سۆڭەك بىلەن سۆڭەك ئوتتۇرىسىدىكى سۈركەلگەن ئاۋازنى ئاڭلىغىلى ياكى سۈركىلىشنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، چوقۇم ئۆزى دوختۇرغا ئاپىرىشقا توغرا كەلسە، قانداق قىلغاندا يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىنكى تەكرار زەخىمنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟

  ۋاقىتلىق مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم، مەسىلەن ئۈستۈنكى مۈچىنى ئۈچ بۇرجەك لۆڭگە، قەغەز تاختا بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، ھەرىكەتنى ئازايتىپ، ئاستىنقى مۈچىگە ئېغىرلىق چۈشۈرمەسلىك كېرەك. ئەگەر ئومۇرتقا زەخمىلەنسە، بولۇپمۇ بويۇن ئومۇرتقىسى زەخمىلەنسە، باش، بويۇننى پۇختا مۇقىملاشتۇرۇپ، يۆتكىگەندە پۈتۈن بەدەننى تەڭلا يۆتكەپ، زەخمىلەنگەن ئورۇننىڭ مىدىراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى