تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

【يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىن ئىبارەت قوش غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش】 رەڭگارەڭ «ئائىلە» تۇرمۇشى

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، لىڭشيۇ شىنچېڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالە ۋاڭ پېڭجيې (سولدا) قىزى بىلەن بىللە يوگا مەشىق قىلماقتا. (زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن سۈرەت)

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار جيا مېڭيەن، ۋاڭ لىلى، تاڭ خۇڭمېي، موۋ مىن، شى لىشا خەۋىرى): يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۆيدە تۇرۇش ئائىلە ساغلاملىقى ۋە شەخسىي ساغلاملىقنى قوغدىغانلىق، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۆيدە تۇرغان مەزگىلدە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىپ، رەسىم سىزىش، چېنىقىش، ئۆگىنىش قىلىش ئارقىلىق، ئۆيدىكى تۇرمۇشىنى رەڭدارلاشتۇردى.

كىتاب ئوقۇش، يېزىقچىلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇش

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق «ئېنېرگىيە تولۇقلىدى». شەھەرلىك 26-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى جاڭ تيەنيى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

جاڭ تيەنيى، ھەر كۈنى بىر، ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب ئوقۇپ، يېزىقچىلىق خام ماتېرىيالى توپلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئەدەبىيات سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۆزۈمنىڭ يۈرەك سادايىمنى ئىپادىلىيەلەيمەن» دېدى جاڭ تيەنيى.

جاڭ تيەنيىنىڭ قەلىمى ئاستىدا، ئۇنىڭ قەلبىدىكى قەھرىمان ئەمدى كارتون پېرسوناژى بولماستىن، بەلكى «ئالدىنقى سەپكە ئاتلانغان دوختۇر-سېسترالار»، «ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار بولدى» ...

چېۋەر قول بىلەن رەسىم سىزىپ بىرلىكتە «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىش

داۋانچىڭ رايونىنىڭ ئېۋىرغول تەۋەلىك رايونىدىكى ئاھالىلەر ۋېيشىن توپىدا، بىر قىسقا سىن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. كۆرۈنۈشتە، 12 ياشلىق بىر قىزچاق رەڭلىك قەلەم بىلەن بىر دوختۇر، بىر دوختۇرخانىنى سىزىپ، يېنىغا «يۇقۇمغا تاقابىل تۇرايلى، شىنجاڭ غەيرەت قىل» دەپ يازغانىدى. ئاھالىلەر بەس ـ بەستە «ئۆيدە خاتىرجەم تۇرۇپ، بىرلىكتە غەيرەت قىلايلى» دەپ تارقىتىپ سۆز قالدۇردى.

بۇ قىزچاق شەھەرلىك 93-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 6-يىللىق ئوقۇغۇچىسى ليۇ ئەيجۈن بولۇپ، ئادەتتە رەسىم سىزىش، ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۆيىدە تۇرغان بۇ مەزگىلدە، ئۇ خەۋەردىن نۇرغۇن دوختۇر-سېسترالار، مەھەللە كادىرلىرى، پىدائىيلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە ناھايىتى جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ، رەسىم سىزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىنى ھەمدە خاتىرجەم ھالدا ئۆيىدە تۇرۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈرمەكچى بولدى.

ليۇ ئەيجۈن، سىنىپتىكى رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغان ساۋاقداشلىرى بىلەن بىر نەچچە پارچە ئەسەر ئىجاد قىلغانلىقىنى، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزئارا مەدەت بېرىپ، ئۆزئارا غەيرەت قىلىپ، بىرلىكتە «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

توردا يېڭى ماھارەت ئۆگىنىش

يۇڭ يىپ، ئىلمەكنى تېپىپ، توردىكى سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئىلىپ توقۇشنى ئۆگەندى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) چاڭچۈن شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونىدىكى جىنشيۇ مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ زى ئۆيىدە تۇرغان مەزگىلدە، ساپما كەش، پەلەي، ئويۇنچۇق قاتارلىق ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرىنى توقۇپ چىقتى.

32 ياشلىق ۋاڭ زى مۇنداق دېدى: «مەن بۇرۇنلا ئىلىپ توقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، ھەم نۇرغۇن ماتېرىيال سېتىۋالغان، لېكىن ئىزچىل ئەستايىدىل ئۆگىنىپ باقمىغان». بۇ قېتىم ئۆيدە تۇرغان مەزگىلدە، ئۇ توردىكى سىن كۆرۈنۈشىدىن ئۆگىنىپ، ئىككى بالىغا ساپما كەش، ئويۇنچۇق قاتارلىقلارنى توقۇپ بەردى، يەنە ئاپتوموبىل ئاسما بېزىكى، ئاچقۇچ زەنجىرى قاتارلىقلارنى توقۇپ چىقتى.

ۋاڭ زىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىككى سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئىلىپ توقۇشنى ئۆگىنىدىكەن، بالىسى يېنىدا تۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىپ، رەسىم سىزىدىكەن، بۇنداق تۇرمۇشتا كۆپچىلىك ئېيتقاندەك «تۇرمۇش تىنچ-خاتىرجەم»لىك تۇيغۇسى بولىدىكەن. ئۇ ئۆزى توقۇپ چىققان كىچىك ئەسەرلىرىنى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، ئاز بولمىغان ماختاشلارغا ئېرىشتى.

ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىدا خۇشاللىق كۆپ

ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەۋەلىك رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالە ۋاڭ فېڭيەننىڭ تۇرمۇشى يېقىندىن بۇيان ناھايىتى مەنىلىك ئۆتتى، چۈنكى ئۇ ئېرى، ئوغلى بىلەن ھەر كۈنى دەل ۋاقتىدا مەھەللە توپىدا داكا قىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرۇش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، ئاشپەزلىك ماھارىتىنى نامايان قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

ۋاڭ فېڭيەن بىر نەچچە ئەينەك بوتۇلكىنى تېپىپ چىقىپ، يەنە بىر نەچچە تال ئىنچىكە چىگە ئارغامچا بىلەن بوتۇلكىنىڭ دىۋارىنى بىر-بىرلەپ ئورىدى، ئون نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، ئەينەك بوتۇلكا ئۆزگىچە لوڭقىغا ئايلاندى. ئۇ ئۈلگە كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئون ياشلىق ئوغلى خوۋ يۈشۈەنمۇ قول سېلىپ ئىشلەشكە باشلىدى، يەنە ئۆز قولى بىلەن ياسىغان لوڭقىنى تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ساۋاقدىشىغا سوۋغا قىلىشنى پىلانلىدى.

ۋاڭ فېڭيەن، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ ئۆگىنىش ۋە چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن خۇشاللىق تېپىپ، ئائىلە كەيپىياتىنىڭمۇ بارغانسېرى ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتى قىلىش

ئەتىگەن سائەت 7دە، مىڭجۇ خۇادۇ ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى دۇڭ يەنجۈن ئورنىدىن تۇرۇپ تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئۇنىڭ ئائىلىدە تۇرۇۋاتقاندىن بۇيان ھەر كۈنى چوقۇم قىلىدىغان چېنىقىش تۈرلىرىنىڭ بىرى.

«خوتۇنۇم دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ، ھازىر بىرىنچى سەپتە «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئۆيدە تېخىمۇ ياخشى چېنىقىپ، ئۇنى غەم ـ ئەندىشىدىن خالاس قىلىمەن» دېدى دۇڭ يەنجۈن.

ئۈرۈمچى شىيۈ جىشىڭ چامباشچىلىق كۇلۇبىنىڭ باش تىرېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇڭ يەنجۈن يەنە شىمالايا APPسىدا، «داشياۋ دۇڭ» ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق تەيجى گۇمپىسىنى مەشىق قىلىشتىكى تەسىرات ۋە تەيجى گۇمپىسىنى ياخشى ئويناشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى سۆزلەپ، تەيجى گۇمپىسىنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار بىلەن ھەمبەھرىلەندى.

«ھەر كۈنى كەچ سائەت 11دە، مەن دەل ۋاقتىدا ئۇخلايمەن، تۇرمۇش تەرتىپلىك بولسا، كۈنلەر ئەلۋەتتە كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ» دېدى دۇڭ يەنجۈن.

لىڭشيۇ شىنچېڭ ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى ۋاڭ پېڭجيې ھەر كۈنى سائەت 8 ئەتراپىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن، چېنىقىش سېلىنچىسىنى يېيىپ، يوگا ۋاقتىنى باشلايدۇ. پۇتىنى سوزۇپ، بېلىنى ئېگىپ، قورساقنى ئىچىگە تارتىپ، بىر سائەت ئەتراپىدا چېنىققاندىن كېيىن، چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كېتىدۇ.

«مەن ئۆزۈم چېنىقىپلا قالماي، يەنە ئالتە ياشلىق قىزىم بىلەن بىللە چېنىقىمەن»ۋاڭ پېڭجيې مۇنداق دېدى: مۇۋاپىق چېنىقىش ئارقىلىق، ئادەم خېلى روھلىنىپ قالىدۇ، يەنە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى