تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى تىببىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانا: يېنىك تىپلىق، ئادەتتىكى تىپلىق ئاغرىقلارنى جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى بىلەن داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 17:00دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدا 18-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

    ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تىببىي داۋالاش-قۇتقۇزۇش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان 42 ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، بىز ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئاغرىقلارغا قارىتا ئاغرىق مىسالىنىڭ ئومۇمىي كېسەللىك ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتتۇق، ھازىرقى 30 ئاغرىق مىسالىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، شۇنى كۆردۇقكى، تىپقا ئايرىشتىن قارىغاندا، يېنىك تىپلىق، ئادەتتىكى تىپلىق ئاغرىقلار كۆپ، كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولۇپ، كۆپىنچىسىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن، ئاز ساندىكى ئاغرىقلاردا يەنە بۇرۇن پۈتۈش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، مۇسكۇل ئاغرىش ۋە ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، ئۆپكە قىسمىنى رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈشتە ئۆزگىرىش بوممىغان.

    لۇ چېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېنىك تىپلىق، ئادەتتىكى تىپلىق ئاغرىقلارغا قارىتا جۇڭيى تىبابىتى دورىلىرى بىلەن داۋالاش ئاساس قىلىنىدىكەن، قوشۇمچە ھالدا كېسەلگە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدىكەن ھەمدە نەپەسلىنىش گىمناستىكىسى، بادۇەنجىن قاتارلىق نەپەسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئالدىنقى باسقۇچلۇق داۋالاش-قۇتقۇزۇشتا بىر قەدەر ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلگەن. كېيىنكى قەدەمدە كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك ئاغرىقلارنى داۋالاش-قۇتقۇزۇش جەريانىدا، داۋاملىق دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تۈزگەن 7-نۇسخىدىكى «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسى» بويىچە، بىرىنچى ۋاقىتتا جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، بالدۇر ئارىلىشىپ، بالدۇر داۋالايدىكەن.

    لۇ چېن مۇنداق دېدى: ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن قارىغاندا، داۋالىنىپ ساقايغان بۇ 30 ئاغرىق ئىچىدە بىر خىلدىن ئارتۇق ئاساس خاراكتېرلىك كېسىلى بارلاردىن ئۈچى بار بولۇپ، %10نى ئىگىلەيدۇ. ئالدىنقى باسقۇچلۇق داۋالاش-قۇتقۇزۇش تەجرىبىسى ئاساسىدا، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دورا بېرىش جەھەتتە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئىممۇنىتېتلىق شارچە ئاقسىلىنى ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى بىر قەدەر تېز بولغان ئادەتتىكى تىپلىق ئاغرىققىمۇ بۇ <ئالاھىدە ئۈنۈملۈك داۋالاش> ۋىرۇس نېيتراللاشتۇرۇش ئىشلىتىلىپ، يېنىك تىپلىقلار ۋە ئادەتتىكى تىپلىقلارنىڭ ئېغىر تىپلىققا ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى، بۇمۇ بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئاساس خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار ئېغىر كېسەل بولغان تەقدىردىمۇ، قۇتقۇزۇش-داۋالاشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇلارنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى