تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

【سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن】 مەھەللىدىكى ئاددىي قەھرىمانلار

7-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەرقايسى مەھەللىلىرىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇردى، ئۇلارنىڭ قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمىتى ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى(8-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).(جوۋ پىڭ فوتوسى)

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى شىنخۇا جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىخابا ئالدى كوچىسى مەھەللىسى تېز يەتكۈزۈش موتسىكلىت مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاھالىلەرنى تېز ھەم قۇلايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.(جوۋ پىڭ فوتوسى)

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لۈگۇ مەھەللىسىنىڭ كادىرى ما شۆخۇڭ ئاھالىلەرگە كۆكتاتلارنى تەقسىملەپ تەييارلىماقتا.(ئۆتكۈر نىجات فوتوسى) 

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چاڭجياڭ يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لېڭكۇ مەھەللىسىنىڭ كادىرى ۋېن تىڭ ئائىلىلىكلەر بىناسىنىڭ كارىدورىدا ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ تىزىملىماقتا.(سەي زېڭلې فوتوسى)

7-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى) جۇڭيا شىمالىي يولى تەۋەلىك رايونى قەشقەر غەربىي يولى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى يامغۇردا ماددىي ئەشياغا كاپالەتلىك قىلىش ئاپتوموبىلىنىڭ ئولتۇراق رايونغا كىرىشىگە يول باشلىماقتا.(سەي زېڭلې فوتوسى) 
7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇاگۇاڭ كوچىسى خېشيېيۈەن مەھەللىسىنىڭ كادىرى ليۇ چۈنجى چېدىرنىڭ يېنىدا ناشتا قىلماقتا. ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەھەللە كادىرلىرى ئولتۇراق رايون ئىچىگە چېدىر قۇرۇپ، 24 سائەت ئىش ئورنىدا چىڭ تۇردى.(سەي زېڭلې فوتوسى)
8-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى 1-ئاۋغۇست تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى قومۇل غەربىي مەھەللىسدىكى پارتىيەلىك كادىرلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بولۇپ تەشكىللىنىپ، ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.(ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر لى چۈنشيا): ئۇشتۇمتۇت يۈزبەرگەن يۇقۇم ئالدىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەڭ مەھەللە كادىرلىرى مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جان پىدالىق بىلەن ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  ئۇلار جاپا-مۇشەققەتتىن باش تارتماي، ئاتاكىغا ئۆتتى: ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، گۆش، تۇخۇم، سۈت قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كەمچىل بولغاندا، ئۇلار ۋاقتىدا سېتىۋېلىپ يەتكۈزۈپ بەردى؛ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە سۇ، توك، گاز تۈگىگەن بولسا، ئۇلار ئۇياق-بۇياققا چېپىپ قاچىلاپ بەردى؛ بەزى ئاھالىلەر سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك دورىسىغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئۇلار ئەستايىدىل سوراپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ ۋاكالىتەن دورا سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بەردى... تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە كاپالەتلىك قىلدى، قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلدى، ئاھالىلەرنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ھەربىر دەنيۈەن، ھەربىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاممىغا بولغان مۇلازىمەت خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆيدە خاتىرجەم، ئازادە تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  ئۇلار قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى: يامغۇرلۇق كېچىدە، ئۇلار ماددىي ئەشيا ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئولتۇراق رايونغا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى؛ داق يەرگە چېدىر تىكىپ ۋاقىتلىق تۇرالغۇ قىلدى؛ پىژغىرىم ئىسسىقتا ئاھالىلەرگە خالتا-خالتا كۆكتاتلارنى تەييارلاپ يەتكۈزۈپ بەردى؛ ئولتۇراق رايون ئىچىدە، ئۇلار كىچىك ھارۋىنى سۆرەپ ئۆيمۇئۆي تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇلارنىڭ كىچىك ئائىلىدىن ۋاز كېچىپ چوڭ ئائىلىنى قوغدىشى، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى پەقەت تۈمەنلىگەن ئائىلىنى قوغداش، ئاھالىلەرنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈندۇر.

  ئۇلار مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ ياخشى سىردىشى، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ئاددىي قەھرىمانلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى