تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقۇم مەزگىلىدە «تۆت خىل كىشىلەر توپى» قەرز پۇل قەرەلىنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز گو لىڭ، دوۋ شىڭجۈن، يىن تۇڭيۈەن، جانات تولقىن): 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 17دە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى نۆۋەتتىكى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا 17-مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئىناۋەت ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى تيەن يۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى باش بانكىسى ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلار بىلەن بىرلىكتە «پۇل مۇئامىلە جەھەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە مەدەت بېرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، باشقىچە پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش يېشىل يولى ئېچىپ، «تۆت خىل كىشىلەر توپى»نىڭ قەرز پۇلنى قەرەلىدە قايتۇرالماسلىقىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى قەرەلىدە قايتۇرماسلىق خاتىرىسىگە كىرگۈزۈپ يوللىماسلىقنى، يوللاپ بولغانلىرىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ «تۆت خىل كىشىلەر توپى» يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىلىدىغانلار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقان خىزمەتچى خادىملار ۋە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كىرىم مەنبەسىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن، ئەمما كىرېدىت ئاپپاراتلىرى ئالاقىدار ئىناۋەت ئۇچۇرى خاتىرىسىنى تەڭشەشنى رەت قىلغانلار شۇ جايدىكى خەلق بانكىسىغا باشقىچە پىكىر ياكى ئەرز ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو خەلق بانكىسى باش بانكىسى يەنە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئالغان قەرز پۇلىغا قارىتا دىرىنى قايتۇرۇپ ئۆسۈمىنى تۆلەشنى باسقۇچ خاراكتېرلىك كېچىكتۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» «كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئىناۋەتلىك قەرز پۇل ئارقىلىق مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بېرىلىدىغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇل، تۇنجى قەرز پۇل، دىرىنى قايتۇرماي ئالىدىغان داۋاملاشما قەرز پۇلنى زور ھەجىمدە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. «ئۇزارتىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇزارتىش» تەلىپى بويىچە، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن قەرەلى توشىدىغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قەرز پۇلىغا قارىتا، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى ۋە تىجارەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، قەرز پۇلنىڭ قەرەلىنى ئۇزارتىش، داۋاملاشما قەرز پۇلى بېرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، بەلگىلىك مۇددەتتىكى كېچىكتۈرۈپ دىرىنى قايتۇرۇپ ئۆسۈمىنى تۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇشى بېرىدۇ. قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە تۆلەشكە تېگىشلىك ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ، جەرىمانە ئۆسۈمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، يۇقىرىقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلار ئىناۋەتلىك قەرز پۇل كەسپىنى بېجىرگەن ئاپپاراتلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشىپ، قەرز قايتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭشەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  «بىز ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچرىغان كارخانا ۋە شەخسلەرنى پەرقلەندۈرۈلگەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ قېيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۇل مۇئامىلە كۈچىنى قوشىمىز.» دېدى تيەن يۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى