تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بويىچە بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورىخانىسىدىن يەنە 15ى ۋاقىتلىق كۆپەيتىلدى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن): 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بويىچە بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورىخانىسىدىن يەنە 15ى ۋاقىتلىق كۆپەيتىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان سوزۇلما كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان سوزۇلما كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ دورا سېتىۋېلىش ۋە خىراجىتىنى راسچوت قىلىشىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىلدى.

    مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك كېلىشىمىدە بېكىتىلگەن دورىخانىدىن 10ى بار بولۇپ، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى 29 بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورىخانىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك كېلىشىمىدە بېكىتىلگەن دورىخانىلارنى كۆپەيتكەن، بۇ قېتىم يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بويىچە بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورىخانىسىدىن 15نى ۋاقىتلىق كۆپەيتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك كېلىشىمىدە بېكىتىلگەن دورىخانا 54كە يېتىدىكەن، بۇ سوزۇلما كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ دورا سېتىۋېلىشىغا يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.

   بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بويىچە بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىنى ھەرىكەتچان باشقۇرىدىكەن. ھەرقايسى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بويىچە بېكىتىلگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل دورىسى بىلەن تەمىنلىگەندە، «رېتسىپ باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىپ، رېتسېپنى تەكشۈرۈش، تەڭشەش، سېلىشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سوزۇلما كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

    1. ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بويىچە بېكىتىلگەن يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 15 پارچە سېتىش دورىخانىسى:

    2. ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك كېلىشىمىدە بېكىتىلگەن دورىخانا 54كە يەتتى:

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى