تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى ياخشى ئىشلەندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گۇڭ تىڭتىڭ، شى شيەنپىڭ): قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق ئىشلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكىتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان كىشىلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ھەر بىرىگە 500 يۈەن ئۆلچەم بويىچە، قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، تۇخۇم قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى.

  8-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تارقىتىش ئوبيېكىتلىرى: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكىتلىرى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار بېقىلىدىغان كىشىلەر بولۇپ، ھەر بىر ئادەمگە 500 يۈەن ئۆلچەم بويىچە بىر توخۇ، ئالتە كىلوگىرام قوي گۆشى، ئىككى كىلوگىرام تۇخۇم تارقىتىپ بېرىلگەن.

  7-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شۇاڭخې مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن مەخپىرەت ئىسمائىل، پەن خۇي ۋە پىدائىيلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تەۋەلىكىدىكى ئالتە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار بەك جاپا تارتتى، بولۇپمۇ بۇ مەزگىلدە، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلدىڭلار.» دېدى تۆۋەن كاپالەت ئائىلىسى تۇرسۇنخان تەۋەككۇل.

  شۇ كۈنى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) گاڭچېڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لوكېلۈن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىمۇ تەۋەلىكىدىكى 17 تۆۋەن كاپالەت ئائىلىسىگە قوي گۆشى، توخۇ گۆشى، تۇخۇم قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى بىرمۇبىر يەتكۈزۈپ بېرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى قىيىنچىلىقى بار ھەر بىر ئائىلىگە يەتكۈزدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشنى زورايتىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەتلىك، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر شۇنداقلا قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار قاتارلىق ئاممىغا ۋاقتىدا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كۆكتات، ياغ، گۈرۈچ، ئۇنلىرى قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە ھال سوراش پۇلىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، جەمئىي 9223 ئائىلىدىكى 11 مىڭ 826 ئادەمگە جەمئىي 5 مىليون 688 مىڭ 300 يۈەن قىممىتىدە ھال سوراش بۇيۇمى تارقىتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى