تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر بارلىق ئاماللار بىلەن مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا خەۋىرى، سۈرەتنى زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى تەمىنلىگەن): يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، يۈدۈپ توشۇش، كىچىك ھارۋىدا يەتكۈزۈش، ۋېلىسىپىتتە توشۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمىتىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تىرىشىپ راۋانلاشتۇردى.

   ئاھالىلەر ئۆيىدە خاتىرجەم تۇردى، نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا مەھەللىنى ئىزدىدى

    8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى يۆجىنگەي مەھەللىسىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر مەريەم تۇرسۇن ئالدىنقى كۈنلەردىكىگە ئوخشاش، ئەتىگەندىلا مەھەللىدە يىغىنغا قاتنىشىپ بولۇپ، خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، ئاھالىلەردىن سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىدى.

    «مەريەم، ماڭا ئازراق مېۋە ئالغاچ كېلەمسىز؟...» «مەن نەچچە تال نان سېتىۋالاي دېگەن» «ئۆيدە جياڭيۇ تۈگەي دەپ قالدى، يەنە... » «بولىدۇ، ھەممىنى خاتىرىلىۋالدىم، بۈگۈن سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن، ئۆيدە خاتىرجەم ئولتۇرۇپ، مېنىڭ ۋە پىدائىيلارنىڭ مال يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ساقلاڭلار» دېدى مەريەم ھەربىر ئائىلىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە يان تېلېفوندا بىر-بىرلەپ خاتىرىلىۋالغاندىن كېيىن.

    يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، مەريەم مەھەللىدىكى تۆت دەنيۈەندىكى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەسئۇل بولدى، ئەتىگەن، چۈش، كەچتە ئاھالىلەرنى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىدى، ھەركۈنى كارىدورنى دېزىنفېكسىيەلىدى، ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى... بەزىدە كەچ سائەت 12دىمۇ، ئاھالىلەرگە ئۇنىڭ كۆكتات يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى تېلېفونى كېلىدۇ.

   يۆجىنگەي مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق مېڭ خانىم مۇنداق دېدى: «ئۆيدە ئايرىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، بەختكە يارىشا مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار ياردەم قىلدى. ئۇلار قېلىن مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، مەھەللىدىكى ھەرقايسى ئائىلىلەرگە كۆكتات، مېۋە-چېۋە، تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، بەك جاپا تارتتى، ئۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن».

    مەريەم مۇنداق دېدى: «گەرچە چارچىساممۇ، ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى مەھەللە خىزمىتىگە ناھايىتى ماسلاشتى، كۆپچىلىكنىڭ ساغلام بولۇشىنى، ئۆيدە خاتىرجەم تۇرۇشىنى، نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا مەھەللىنى ئىزدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

يۆجىنگەي كوچىسى مەھەللىسىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر مەريەم تۇرسۇن ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالدى.

     ۋېلىسىپىت تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشكە كۈچ قوشتى

    يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن پىدائىيلار تەشۋىقاتچى، نازارەتچى، تەقسىملەپ يەتكۈزگۈچى بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەربىر خىزمەت ئورنىدا ياخشى تۇرۇشىغا ياردەملەشتى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ پەن تەتقىقات خادىمى ئارزىگۈل غوپۇر شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

    ئارزىگۈل غوپۇرنىڭ ئۆيى ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)دىكى شىنشىن مېييۈ ئولتۇراق رايونىدا بولۇپ، ئولتۇراق رايون تاقالغاندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىدائىي بولۇشقا تىزىملىتىپ، مەھەللىگە ياردەملىشىپ بىر بىنادىكى 72 ئاھالىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ماددىي ئەشيا كاپالىتى ۋە ئەخلەت توشۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولدى. ئۇ مۇلازىمەت قىلىدىغان بۇ بىنا ئولتۇراق رايوندىكى تاللا بازىرى، كۆكتات دۇكىنىدىن يىراق بولغاچقا، ۋېلىسىپىت ئۇنىڭ ھەركۈنى بېرىپ-كېلىپ مال يەتكۈزىدىغان كۈچلۈك ياردەمچىسىگە ئايلاندى.

    «بۇ بىنادىن تاللا بازىرى، كۆكتات دۇكىنىغا پىيادە بېرىشقا 20 نەچچە مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ۋېلىسپىت مىنىۋالسام ھەر قانچە ئېغىر كۆكتات، ھەر قانچە يىراق يول بولسىمۇ بىلىنمەيدىكەن.» ئارزۇگۈل غوپۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋېلىسىپىت بولسا، ۋاقىت تېجىلىپلا قالماي، يەنە مۇلازىمەت قېتىم سانىنىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدىكەن، ئاھالىلەر زاكاز چۈشۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كېرەكلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىۋالالايدىكەن.

    مېھرى-شەپقەت كىچىك ھارۋىسى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلدى

   «خىزمىتىمىز ئوڭۇشلۇق بولسا، ئاھالىلەرنىڭ قەلبىمۇ ئىللىيدۇ.» 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بەخت يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى شىڭفۇجى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مەخپىرەت ئابدۇرېھىمنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار ھەركۈنى ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە كۆكتات، مېۋە-چېۋە سېتىۋېلىشقا مەسئۇل بولغان، لېكىن تەۋەلىكتىكى قىسمەن ئولتۇراق رايونلارنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ، بىنالارنىڭ ئارىلىقى بىر قەدەر يىراق بولغاچقا، يەتكۈزۈپ بېرىش قولايسىز بولغان.

    بەخت يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تاللا بازىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، تاللا بازىرىدىكى ۋاقتىنچە بىكار تۇرغان كىچىك ھارۋىلارنى يىغىپ، «مېھىر-شەپقەت كىچىك ھارۋىسى» قىلىپ تەقسىملەپ بەرگەن، ھەربىر كىچىك ھارۋا ئىشلىتىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەنگەن، مۇلازىمەت تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ خاتىرجەم قانات يايدۇرۇلغان.

     مەخپىرەت مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، شىڭفۇجى مەھەللىسىگە جەمئىي توققۇز كىچىك ھارۋا سەپلەندى، كىچىك ھارۋا بولغاچقا، بىر قېتىمدا تۆت-بەش ئائىلىگە مال يەتكۈزگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مۇلازىمەت ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپلا قالماي، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىمۇ يېنىكلىدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى