تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«چوڭ ئائىلىنى ياخشى قوغداپ، ئاندىن كىچىك ئائىلىنى قوغدايمىز»، بىر جۈپ ساقچى ئەر-خوتۇن تويىنى ئىككى قېتىم كېچىكتۈرۈپ يۇقۇمغا قارشى بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ مياۋ، چى لۇڭ فوتوسى): «خوتۇن، بۈگۈن ھاردىڭىزمۇ؟» «مەن ئىنتايىن ياخشى.» 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 1-شۆبە ئىدارىسى بەييۈەن يولى ساقچىخانىسىنىڭ ئىشخانىسىدا، ۋاڭ شۈخۇي خوتۇنى خې دەن بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتى. ئېلېكتىرونلۇق سائەت سايراپ كەتتى، «مەن ئىش ئورنۇمغا چىقىشىم كېرەك، سىز سىرتقا چىققاندا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىڭ.» دېدى ۋاڭ شۈخۇي تاپىلاپ. «ماقۇل، سۇ ئىچىۋېلىپ ئاندىن مېڭىڭ.» دېدى خې دەن، ئۇ ئېرىنىڭ ئاۋازىنىڭ سەل پۈتۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ۋاڭ شۈخۇي مەھەللىدە ياشانغانلارغا ياردەم قىلماقتا.

  ھەر كۈنى ئەتىگەندە رەسمىي ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى بەش مىنۇت ۋاڭ شۈخۇينىڭ خوتۇنى خې دەن بىلەن «بۇلۇت»تا كۆرىشىدىغان ۋاقتى. بۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پارىڭى بىر-بىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراش ۋە ئۆزئارا ئىلھام بېرىش بولىدۇ.

  ۋاڭ شۈخۇي بىلەن خې دەن 12-شى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى «90-يىللاردا تۇغۇلغان» بىر جۈپ ساقچى ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ، ۋاڭ شۈخۇي 1-شۆبە ئىدارە بەييۈەن يولى ساقچىخانىسىدا مەھەللە ساقچى ئىشلىرى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، خې دەن شى ئىدارىسى قانۇنچىلىق بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، بۈگۈنگە قەدەر 20 كۈندەك كۆرۈشۈپ باقمىدى.

خې دەن ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

خې دەن خاتىرە دەپتىرىنى تەكشۈرمەكتە.

  «مەن خوتۇنۇم بىلەن ئۆيلىنىش خېتى ئالغاندىن كېيىن، بۇ يىل 4-ئايدا شەندۇڭدىكى يۇرتۇمغا قايتىپ توي قىلماقچى بولغان، يۇقۇم تۈپەيلىدىن كېچىكىپ كەتتى.» دېدى ۋاڭ شۈخۇي، ئەينى چاغدا، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن شۇنداق قىلىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئاتلانغانىدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ بارا-بارا ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئەر-خوتۇن يەنە توي كۈنتەرتىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توينىڭ ۋاقتىنى 7-ئاينىڭ 2-كۈنىگە بېكىتكەنىدى، ئەمما يەنە يۇقۇم سەۋەبىدىن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن توينى يەنە كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى، ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىغا چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، يەنە «يۇقۇمغا قارشى جەڭ»گە ئاتلاندى.

  «ئەمەلىيەتتە مەن خوتۇنۇم ۋە ئىككىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىدا خىجىلمەن، ئەمما بىز ئىككىمىز خەلق ساقچىسى، بولۇپمۇ مەن بىر پارتىيە ئەزاسى بولغاچقا، يۇقۇمغا زەربە بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، بۇ چاغدا بىز ئاممىنى قوغدىشىمىز ۋە يېنىدا ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك.» دېدى ۋاڭ شۈخۇي، «مەن كۆپچىلىكنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق، بىزنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»

  ۋاڭ شۈخۇي ھەر كۈنى قاراشلىق رايوندىكى ھەرقايسى ئولتۇراق رايونلارغا قاتراپ، مەھەللە، سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش-يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ.

  «ئاھالە دوستلار، مەن مەھەللىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋاڭ شۈخۇي، كۆپچىلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىپ بەرگەيسىلەر..... كەڭ مەھەللە پىدائىيلىرىمۇ ئارىلىق ساقلاپ، مۇداپىئەنى ياخشى قىلىڭلار!»

  ھەر كۈنى ئەتىگەندە، ۋاڭ شۈخۇينىڭ ئەسكەرتىش ئاۋازى خۇددى قوڭغۇراقلىق سائەتتەكلا توغرا. قولىغا بىر لابانى ئېلىۋالسا، بىر كۈن توۋلاپ گەپ قىلىدۇ. «مەن بەزىدە ئىشخانىغا قايتسام، گەپ قىلغۇممۇ كەلمەيدۇ، بىر كۈن كەچكىچە گەپ قىلغاچقا، ئاۋازىممۇ پۈتۈپ قالىدىكەن.»

ۋاڭ شۈخۇي خىزمەتتە.

  ئېرى بىرىنچى سەپتە ئالدىراش بولسا، خوتۇنى خې دەنمۇ ئىدارە پارتىيە كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ھەر كۈنى ئولتۇراق رايوننىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نۇقتىسىدا چىڭ تۇردى.

  «مېنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىم ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، كۆپچىلىككە دورا، كۆكتات يەتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت.» دېدى خې دەن، ئۇ ئېرىگە ئوخشاشلا تىرىشىپ ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ. بىر كۈنلۈك خىزمەت ئاخىرلاشقاندا، ئۇنىڭ ۋېيشىن قەدەم كۆرسەتكۈچى 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ، «بىر كۈندە چۈشتە تاماق يەپ بىرەر سائەت ئولتۇرغاندىن باشقا ۋاقىتتا، ئاساسەن مېڭىپ چىقىمەن. ھەر كۈنى ئاھالىلەرگە ياردەملىشىپ كۆكتات سېتىۋالىمەن، مۇسكۇللىرىم چىڭىپ قالغاندەك، بەدەن قۇۋۋىتىممۇ ياخشىلىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.» دېدى ئۇ قىزىقارلىق قىلىپ.

  ھەر كۈنى ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ھەرقانچە چارچىسىمۇ، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ھەر كۈنى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ۋە ئەتىگەندە ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ھامان ۋاقىت چىقىرىپ بىر ئاز پاراڭلىشىپ، ئۆزئارا بىر-بىرىگە مەدەت بېرىدۇ.

  «بىز خەلق ساقچىلىرى، چوڭ ئائىلىنى ياخشى قوغداپ، ئاندىن كىچىك ئائىلىنى قوغدايمىز. گەرچە بىزنىڭ تويىمىز كېچىكىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بەختىمىز كېچىكىپ كەتمەيدۇ.» دېدى خې دەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى