تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: تەبەسسۇم يۇقۇمدا جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىرادىمىزدىن كەلگەن

  خەلق تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقۇم كۆرۈلدى، ۋاقتىنچە توختاپ قالغىنى بىزنىڭ قىسقىغىنە نورمال تۇرمۇشىمىز بولدى، ئەمما تېزلىشىۋاتقىنى بىزنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ ۋاقىت بىلەن بەيگىگە چۈشۈش، كېسەل بىلەن كۈچ سىنىشىش، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشى، يامرىشىنى توسۇپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىرادىمىز بولدى. چېكىنىش ئەزەلدىن بىزنىڭ تاللىشىمىز ئەمەس، بىز پەقەت خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆگىنىپ، دوستانە بولۇپ تۆھپە قوشساقلا، بىزنىڭ غەلىبىنى تەبەسسۇم بىلەن كۈتۈۋالىدىغان كۈچىمىز بولىدۇ، ئىشەنچىمىز بولىدۇ.

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 9:00، ئۆي ئىگىسى جوۋ خۇڭجى مەھەللە پىدائىيلىرىنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىپ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىشىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە پىدائىيلارغا رەھمەت ئېيتتى.

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 9:45، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭخۇەن شىنرۈي مۇھىت مۇلازىمەت شىركىتىدىكى ليۇ شىنخۇ ۋە خىزمەتدىشى ئەمەر ئولتۇراق رايوندا تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى توشۇماقتا. ئۇلار ھەركۈنى سەھەر 3:30دا خىزمەتنى باشلاپ، سائەت 14:00 ئەتراپىدا ئىشتىن چۈشىدۇ، 15-16 توننا ئەخلەتنى يۆتكەپ توشۇش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك مۇھىم خىزمىتى. ليۇ شىنخۇ مۇنداق دېدى: «يۆتكەپ توشۇش جەريانىدا يەر يۈزى ۋە ئەخلەت ساندۇقىدا قەتئىي قالدۇق ئەخلەت قالدۇرماسلىق خىزمىتىمىزنىڭ ئاساسىي تەلىپى».

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 10:30، نۇر ھۈسىيىن ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەركۈنى سائەت 9:00دا خوتۇنى ۋە ئوغلى بىلەن بىللە نان يېقىشقا باشلايدۇ، ھەركۈنى 300دىن ئارتۇق نان ناھايىتى تېزلا سېتىلىپ بولىدۇ.

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 11:00، سەھەر سائەت 4:00تە كۆكتات ئەكىلىشكە بارغان لىن خۇيگۇاڭ ئارام ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا، ئاھالىلەرگە كۆكتات تەييارلاش، كۆكتات يەتكۈزۈشكە باشلىدى. لىن خۇيگۇاڭ مۇنداق دېدى: «ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەركۈنى بىر توننىدىن ئارتۇق ھەر تۈرلۈك كۆكتاتقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆز ئېھتىياجى بويىچە تاللىشىغا تەمىنلەيمىز».

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12:00، 61 ياشلىق ئولتۇراق رايون كۆكەرتىش باشقۇرغۇچىسى جاڭ شىجيې ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە يەرنى سۇغىرىپ بولۇپ، ئىشتىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلماقتا. تۈنۈگۈن ئاخشام ئۇ كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلىدى، ئاھالىلەرنىڭ كۈندۈزدىكى مەركەزلىك سۇ ئىشلىتىش ۋاقتىغا تاقاشتۇرماسلىق ئۈچۈن، مۈلۈك شىركىتى كېچىدە سۇغىرىش، كۆكەرتىش ئۇسۇلىنى تاللىدى. جاڭ شىجيې مۇنداق دېدى: «ئالاھىدە مەزگىلدە، ئاھالىلەر ھەركۈنى ئولتۇراق رايوندىكى بۈك-باراقسان، ياپيېشىل دەل-دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسە، كەپىياتىمۇ خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ».

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 12:30، پىدائىي چۇ چاۋفېڭ ھەركۈنى سائەت 13:00تىن بۇرۇن كۆكتاتلارنى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ بولۇشنى بېكىتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كۆكتات سېۋىتى مېنىڭ قولۇمدا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تاماق ئېتىشنى ساقلاۋاتىدۇ، قورساق ئاچ بولسا، يۇقۇمدا غەلىبە قىلىشقا قانداقمۇ ماغدۇر بولسۇن».

  8-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 13:00، خەلق ساقچىسى ئادىلجان، ئابدۇخەبەر ۋە ھەسەنجان ئولتۇراق رايون ئاھالىلەر قوللانمىسىنى ئائىلىمۇئائىلە سېلىشتۇرۇپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنىڭ تولۇق قاپلانغان-قاپلانمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە. يۇقۇم مەزگىلىدە، ئاھالىلەرنىڭ بوش ۋاقتى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئالدىنىپ قېلىش نىسبىتى ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەنە مەركەزلىك تەشۋىق قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. ئادىلجان مۇنداق دېدى: «بىز ئاھالىلەرنىڭ يانچۇقىنى چىڭ ئېتىشىگە ياردەملىشىشىمىز كېرەك!»

  دەل شۇلانىڭ ئەجىرى بولغاچقا، بىزنىڭ غەلىبىنى تەبەسسۇم بىلەن كۈتۈۋېلىش ئىشەنچىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.(خۇ شى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ