يۇقۇم بۇيرۇق، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت. 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ليۇ شى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار تېز ئاۋاز قوشۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى».

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى خۇاگۇاڭ كوچىسى خېشيېيۈەن مەھەللىسىدە، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئاھالىلەر كارىدورىدا دېزىنفېكسىيە مەشغۇلاتى قىلماقتا. بىرقانچە كۈندىن بۇيان، بۇ رايون پارتىيەلىك كادىرلار، پىدائىيلارنى تەۋەلىكتىكى كوچا، مەيدان، بىنا قاتارلىق ئاممىۋى رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيەلەشكە تەشكىللدى.(سەي زېڭلې فوتوسى).
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللە(كەنت) پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆز تەۋەلىكىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈردى. مەركەزلىك تېببىي كۆزىتىش نۇقتىسى، مۇھىم تەكشۈرۈش نۇقتىسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىش، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملارنى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، كاتەكچىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلغاپ تەكشۈرۈش، ماددىي ئەشيا كاپالىتى، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق رايونلاردا پارتىيە تەشكىلاتى يۆلەش، ئاچقۇچلۇق پەيتتە پارتىيە ئەزالىرى تىرەك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتى، پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قاتنىشىپ، بىرىنچى سەپتە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئەڭ ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلدى؛ ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ياشانغانلار، بالىلار، ئاغرىقلار ۋە مېيىپلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈپ، تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش، ئەخلەت توشۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە «ئادەملەر ئايرىلسىمۇ، قەلبلەر ئايرىلماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىجابىي تەشۋىقات قىلىپ، ئىلغاپ تەكشۈرۈشكە باشلامچىلىق بىلەن ماسلىشىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپ، پارتىيە بايرىقىنى باشتىن-ئاخىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەۋلان قىلدۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى)