تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى توققۇز داۋالاش ئاپپاراتىدا ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىش تەستىقلاندى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن خەۋىرى): توردا كېسەل كۆرسىتىش، توردا چىقىم قىلىش، دورىلارنى پوچتىدىن ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئالاقە تورىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئەندىزىسى بارلىققا كەلدى. 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق توققۇز داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى تەسىس قىلىشىغا قوشۇلۇش توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب»نى ئېلان قىلدى، تەستىقلانغان توققۇز داۋالاش ئاپپاراتى ئالاقە تورى دوختۇرخانىسىدا توردا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش ئارقىلىق، ئاغرىقلارنى «ئالاقە تورى + داۋالاش-ساغلاملىق» خەلققە قولايلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇ تەستىقلانغان توققۇز داۋالاش ئاپپاراتى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-خەلق دوختۇرخانىسى، قاراماي شەھەرلىك مەركىزى دوختۇرخانا، قاراماي شەھەرلىك مايتاغ خەلق دوختۇرخانىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ جيايىن دوختۇرخانىسى.

ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى 4-ئايدا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئالاقە تورى + داۋالاش-ساغلاملىق» تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، ئالاقە تورى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، مۇلازىمەت ۋاقتى ۋە بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئالاقە تورى دوختۇرخانىسىنى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىككىنچى نامى قىلىشىغا ئىلھاملاندۇردى.

بۇ قېتىم تەسىقلانغان توققۇز ئالاقە تورى دوختۇرخانىسى «ئالاقە تورىدا دىياگنوز قويۇش-داۋالاشنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «ئالاقە تورى دوختۇرخانىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»گە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئالاقە تورى دوختۇرخانىلىرىنىڭ توردا دىياگنوز قويۇش-داۋالاش خىزمەتلىرىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇپ، قىسمەن دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى قايتا دىياگنوز قويۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردىكى سەھىيە-ساغلاملىق مەمۇرىي تارماقلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقە تورى داۋالاش مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئالاقە تورى دوختۇرخانىلىرىنى ئورتاق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئالاقە تورى دوختۇرخانىلىرىدىكى خادىم، رېتسىپ، دىياگنوز قويۇش-داۋالاش قىلمىشلىرى، ئاغرىقلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەزمۇنلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ھەم تور، تور سىرتى بىر گەۋدىلەشكەن نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، داۋالاش سۈپىتى ۋە داۋالاش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تەستىقىي جاۋابتا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەستىقلانغان ئالاقە تورى دوختۇرخانىلىرى يۇقۇم مەزگىلىدە كەڭ ئاممىنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش، كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا قاندۇرۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك داۋالاش ئاپپاراتلىرى «ئالاقە تورى + داۋالاش-ساغلاملىق»نىڭ ئەۋزەل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى تېخنىكىسى بىلەن داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنى ئەلا سۈپەتلىك، قولايلىق داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى