تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

خۇبېيلىق ئەر سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى مەھەللىدە پىدائىي بولدى: «قەلبىم مىننەتدارلىققا تولغان!»

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز چىن جىنلى): 7-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەر سائەت 6:00دە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12-شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى شياڭخې مەھەللىسىنىڭ F رايونىدىكى شۆ يۇڭگاڭ ئىشىكتىن چىقىپ بولغانىدى، ئۇ 9-بىناغا كېلىپ، يۇقىرى قەۋەتتىن باشلاپ ئاھالىلەرنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە ئىشىك سىرتىغا قويۇپ قويغان ئەخلەتلىرىنى بىرمۇبىر يىغىشقا باشلىدى.

  بۇ بىنادا 45 ئائىلىلىك بار بولۇپ، يۇقۇم مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلىتى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشقا شۆ يۇڭگاڭ مەسئۇل ئىدى. بىرىنچى قەۋەتتىكى ئەخلەتلەرنى يىغىپ بولغاندا، ئۇنىڭ ئىككى قولىدا ئون نەچچە خالتا ئەخلەت يىغىلغاچقا، ئالقىنى چىڭقىلىپ ئاغرىپ كېتەتتى. دەنيۈەن ئالدىدا ئۇ ئەخلەت خالتىسىنى بوش يەرگە قويۇپ، قىزىرىپ كەتكەن قوللىرىنى ئۇۋۇلىغاچ بىر چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن، داۋاملىق 500 مېتىر يىراقلىقتىكى ئەخلەتخانىغا قاراپ ماڭاتتى. 7-ئاينىڭ 27-كۈنى مەھەللىدە پىدائىي بولغاندىن بۇيان، ھەركۈنى سەھەر سائەت 6:00دە ئاھالىلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى يىغىش ئۇنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە ئايلاندى. «يۇرتۇمدا سائەت 6:00دە ئورنۇمدىن تۇرۇشقا كۆنۈپ قالغانىدىم، بۇ يەرگە كېلىپمۇ ئۆزگەرتەلمىدىم، ئەمما مۇشۇنداق بولغاندا كۆپچىلىك ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرەلەيدىكەنمەن!» دېدى 43 ياشلىق شۆ يۇڭگاڭ.

  شۆ يۇڭگاڭ خۇبېي شياڭياڭدىن كەلگەن، بىر ئەشيا ئوبوروت شىركىتىنىڭ شوپۇرى بولۇپ، يېقىندا شىركەتنىڭ كەسىپ كېڭەيتىش سەۋەبىدىن شىنجاڭغا كەلگەنىدى، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۇ مەھەللىنىڭ پىدائىي قوبۇل قىلىش خەۋىرىنى كۆرۈپ دەرھال تىزىملاتتى.

  شۆ يۇڭگاڭ خۇبېيلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، مىننەتدارلىق قەلبى بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشتى. خۇبېيدا يۇقۇم كۆرۈلگەندە، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق باج ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئىدارىسى شياڭياڭغا 8000 جىڭدىن ئارتۇق دېزىنفېكسىيە ئىسپىرىتى ياردەم قىلغان؛ جىڭ ناھىيەسى شياڭياڭ شەھەرلىك قىزىل كىرىست جەمئىيىتىگە 500 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغان... شۇ چاغدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ يۇرتىغا ياردەم قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۇنى ھەر ۋاقىت تەسىرلەندۈرگەنىدى. «خۇبېي بىلەن شىنجاڭنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلۇقىنى ھېس قىلغانىدىم» دېدى ئۇ. بۇ قېتىم ئۇ شىنجاڭنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن كۈچى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى ئويلىدى.

  يىل بېشىدا خۇبېيدا يۇقۇم يۈزبەرگەندە، شۆ يۇڭگاڭ ۋە يۇرتىدىكى قېرىنداشلار 55 كۈن ئۆيدە ئولتۇرغانىدى، «ئۆيدە ئولتۇرغاندا، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشىنىمەن، بىر مەسئۇلىيەتچان پىدائىينىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ بىلىمەن، مېنىڭچە مەن ھۆددىسىدىن چىقالايمەن» دېدى ئۇ.

  پىدائىي بولغان بۇ كۈنلەردە، شۆ يۇڭگاڭ ھەركۈنى كەچ سائەت 12:00لەردە ئاندىن ياتاققا قايتتى. ئۇ پىدائىي بولغاندىن بۇيان، ئۆيمۇئۆي ئەخلەت يىغدى، كېرەكلىك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تىزىملىدى، ماددىي ئەشيالارنى توشۇدى، ۋاكالىتەن دورا، گاز سېتىۋالدى... ئۇ ھەركۈنى پۈتۈن بىناغا نەچچە قېتىم چىقىپ-چۈشۈپ چاپتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىشلارنى قىلغاندا گەرچە جىسمىم چارچىسىمۇ، لېكىن كۆڭلۈم بەك خۇشال، مەن ئەزەلدىن پىدائىي بولۇشتىكى ئەسلىي مەقسىتىمنى ئۇنتۇپ قالمىدىم».

  شياڭخې مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى تەن رۇڭ مۇنداق دېدى: «شۆ ئاكا پىدائىي بولۇشقا تىزىملاتقاندا، بىزگە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭ خەلقىنىڭ ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، بىز ئىنتايىن تەسىرلەندۇق. شۆ يۇڭگاڭ ئىنتايىن ئەستايىدىل، ئاھالىلەرنىڭ تەلىپى بولسىلا قاندۇرىدۇ، ياشانغانلارنىڭ قان بېسىم دورىسى تۈگىسە، سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرىدۇ؛ كىمنىڭ ئۆيىدە تۇيۇقسىز ياغ، تۇز، جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلار كەمچىل بولۇپ سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇ ئالاھىتەن بېرىپ سېتىۋالىدۇ؛ ئۇ ھەمىشە ھەركۈنى ئەتىگەندە مەھەللە ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەش ئورنىغا بېرىپ، خىزمەتچىلەرگە ياردەملىشپ ماددىي ئەشيالارنى يۆتكىشىپ بېرىدۇ». ئولتۇراق رايون ئاھالىسى ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى: «ئۇ ياردەملەشسە، بىزنىڭ كۆڭلىمىز توق تۇرىدۇ».

  شۆ يۇڭگاڭ مۇخبىرغا يۇقۇم ئاخىرلاشقىچە ئۆزىنىڭ مەھەللە پىدائىيلىرى ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى